- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ «يىتىم بالىلار، يالغۇز چوڭلارنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش» جامائەت پاراۋانلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى
2015.02.15 17:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قوي يىلىلىق چاغان يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، 10- فېۋرال، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھە كىشلىرىگە تەشەببۇسنامە تارقىتىپ، مېھىرلىك كىشىلەرنى پاراۋانلىق ئورۇندىكى يىتىم،مېيىپ بالىلارنى، جەمئىيەت پاراۋانلىق ئورگانلىرىدا ياشايدىغان قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى. پائالىيەتنىڭ كونكىرىت تەرتىپىنى شۇ يەردىكى بالىلار پاراۋانلىق ئورنى ۋە جەمئىيەت پاراۋانلىق ئورنى بىلەن ئالاقىلىشىپ بىلۋالسا بولىدىكەن.تەشەببۇسنامىدە، « بەختلىك بالىلار ئىللىق ئانا مۇھەببىتىنىڭ پەپىلىشى ئاستىدا خۇشال چوڭ بولۇۋاتقاندا، يەنە بىر قىسىم بالىلار بار، ئائىلە مېھرى ئۇلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئېرىشكىلى بولمايدىغان نەرسە، ئاق چاچلىق ياشانغانلار بالا- چاقىلىرىنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا راھەت سۈرۋاتقان ۋاقىتتا، شۇنداق بىر قىسىم ياشانغانلار بار، ئائىلە ئىللىقلىقى ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئارزۇسى، چاغان كېلىش ھارپىسىدا، ئۇلار تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنىڭ چىراغ نۇرى ئاستىدا، جەم بولغان دەقىقىلەرگە ، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر جەم بولۇپ، چىرايلاردا تەبەسسۇم ئەكس ئەتكەن ھارپا كۈنىدە سىز بىلەن بىللە ئۆيىڭىزدە بەختلىك جەم بولۇش تامىقى يېيىشنى خالايدۇ» دېيىلدى.ئىگىلىنىشچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى 2088- يىلىدىن باشلاپ، « يىتىم بالىلار، يالغۇز چوڭلارنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ چاغان ئۆتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، جەمئىي 8000 نەپەر يىتىم بالا ۋە 4000نەپەر قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارنى مېھىربان كىشىلەر ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ چاغان ئۆتكۈزگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر