باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

ئاراتۈرك ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

2015.01.08 11:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

قىسقىچە مەزمۇنى:ئاراتۈرك ناھىيەسى قۇمۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق تاغلىق ناھىيە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەڭ شەرقىگە جايلىشىشتەك ئالاھىدىلىكى، نوپۇسىنىڭ ئازلىقى، ئىگىلىكىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ماقالىدە ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى، ئۆزىگە خاس ئادىمىيات ئالاھىدىلىكى ۋە ئاراتۈرك ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدىكى قىسمەن فونېتىكىلىق لېكسىكىلىق، گىرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئاراتۈرك ئۇيغۇر شېۋە ئالاھىدىلىك

ئاراتۈرك ناھىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىغا، شەرقىي تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، قەدىمكى «يىپەك يولى»نىڭ شىمالىي يولىغا جايلاشقان، شەرقىي شىمالى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن، غەربى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى بىلەن، جەنۇبى تاغلار ئارقىلىق قۇمۇل شەھىرى بىلەن چېگرىلىنىدىغان قۇمۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق كىچىك ناھىيە بولۇپ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 19 مىڭ 519 كۋادرات كىلومېتىر، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق 22 مىڭ 440 نوپۇس ئىككى بازار (ئاراتۈرك، نوم)، تۆت يېزا (توخۇلۇ، تۈركۆل، ئاداق، باي)، بىر قازاق ئاپتونوم يېزا (نېرىنكىر)غا قاراشلىق 32 مەمۇرىي كەنتكە تارقالغان.تاغلار بىلەن ئورالغان ئاراتۈرك ناھىيەسى جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان تاغلىق، ئويمانلىق ۋە جىلغىلاردىن تەركىب تاپقان كارىدورسىمان يەر شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. جەنۇبىدا شەرقىي تەڭرىتاغلىرى ، ئوتتۇرىدا تەڭرىتاغلىرىنىڭ تارمىقى بولغان موچىن ئورا تېغى، شىمالىدا ئالتاغ تاغلىرىنىڭ شەرقىي ئۇچى غەربتىن شەرققە سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ئوتتۇرىدا تۈركۆل ئويمانلىقى ۋە نوم ئويمانلىقى بار، نېرىنكىر سېيى، تۇخۇلۇ سېيى ۋە ئاداق، باي سېيى ئاساسلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونىدۇر. ناھىيەنىڭ سىمۋولى بولغان قارلىق تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى تۆمۈرتى چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4886 مېتىر، ئەڭ پەس جايى بولغان نوم ئويمانلىقىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 400~500 مېتىر كېلىدۇ.
ئاراتۈرك ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىقنى ئاساس، دېھقانچىلىقنى قوشۇمچە قىلىدۇ، ناھىيەدە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن قوغۇن، بۇغداي، قوناق، پاختا، يەم- خەشەك، كۆكتات قاتارلىقلار تېرىلغاندىن سىرت، قوي، كالا، توخۇ، بېلىق قاتارلىق چارۋىچىلىق ۋە باقمىچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ناھىيەلەردىن بىرى. تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا ئاراتۈرك دەرياسىنىڭ سۈيى، كارىز سۈيى ۋە قارلىق تاغنىڭ سۈيىگە تايىنىدۇ، سۇ مەنبەسى قىسراق. ئاھالىسى خۇشچاقچاق، مېھماندوست، پاراڭچى. ئاراتۈرك ناھىيەسى جەينەكسىمان يەرگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن تىل جەھەتتىن باشقا رايون دىيالېكىتلىرىنىڭ ۋە ئەدەبىي تىلنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچراپ كەتمىگەن.
بىز 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كغنىدىن 30- كۈنىگىچە ئاراتۈرك ناھىيەسىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاراتۈرك شېۋىسىدىكى لېكسىكىلىق تەركىبلەرنى تەكشۈرۈش، توپلاشتا بولدۇق. بۇ جەرياندا باي يېزىسى، نوم بازىرى، توخۇلۇ يېزىسى ۋە ئاداق يېزىلىرىدا ئەمەلىي تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شۇ يەردىكى پېشقەدەملەر، خەلق سەنئەتكارلىرى ۋە دېھقان- چارۋىچىلار بىلەن ھەمسۆبەتتە بولدۇق. بۇ جەرياندا ئاراتۈرك شېۋىسىنىڭ فونېتىكىلىق، لېكسىكىلىق ۋە گىرامماتىكىىق بەزى ئالاھىدىلىكلىرى مەلۇم بولدى. ماقالىدە مۇشۇ نۇقتىلار ئاساسلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
1.فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى
1› ئاراتۈرك شېۋىسىدە ئۆز يېرىلىك كىشىنى «-lïq//-lik» بىلەن ئەمەس، بەلكى «-ʧi» بىلەن ئىپادىلەش ئادىتى ساقلانغان. بۇ ھال شىنجاڭنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاتاش ئادىتى بىلەن ئوخشاش (ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى «چاقىلىقلىق» ئەمەس، بەلكى «چاقىلىقچى» دەپ ئاتايدۇ). مەسىلەن:
ئاراتۈرك شېۋىسى ئەدەبىي تىل
aratyrkʧiaratyrklyk
bajʧïbajlïq
nomʧïnomluq
adaqjʧïadaqlïq
2›ئاراتۈرك شېۋىسىدە [æ] تاۋۇشى ئاجىزلاشقاندا، باشقا دىيالېكىت- شېۋىلەرگە ئوخشىمايدىغىنى، [e]گە ئەمەس، بەلكى «i»گە ئاجىزلىشىدۇ. م:
ئەدەبىي تىلدا ئاراتۈرك شېۋىسىدە
mæ(n) ―miniŋmæn ― meniŋ
sæ(n) ― sinisæn ― seniŋ
kæt- ― kikæt- ― ketip
kæl-―kilipkæl- ―kelip
ʧiʧækʧeʧæk
kisælkesæl
zijnæpzæjnæp
3›ئاراتۈرك شېۋىسىدە [æ] تەلەپپۇز قىلىنىدىغان تاۋۇشلار كۆپىنچە ھالاردا [a] تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
ئاراتۈرك شېۋىسى ئەدەبىي تىل
ʧïnaʧinæ
taχsatæχsæ
χïnaχinæ
hokumathøkymæt
qaʁazqæʁæz
ʤæmætʤamat
4› پېئىلنىڭ بولۇشسىزلىق شەكلى پېئىل ئۆزىكىگە «-mæ// -ma» قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسىلىدۇ. ئاراتۈرك شېۋىسىدە پېئىلنىڭ ئىمكان تۈسلۈك ئۆزەك شەكلىنىڭ بولۇشسىز شەكلى «-mæj//-maj» شەكلىدىكى [a]،[æ] تاۋۇشلىرى [i//ï]غا ئاجىزلاشتۇرۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
ئاراتۈرك شېۋىسى ئەدەبىي تىل
ba:mijmæ:barmajmæn
jimiymæ:jimæymæn
iʧmijmæ:iʧmijmæn
ʧækmijmæ:ʧækmæjmæn
kijmijmæ:kijmæjmæn
5› ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى ئاقما تاۋۇشلاردىن بولغان چىش مىلىكى، تىترەڭگۈ تاۋۇش [r] ئاراتۈرك شېۋىسىدە تەكرارلىنىدىغان تاۋۇش ]ɍ[تۈسىدە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
ئاراتۈرك شېۋىسى ئەدەبىي تىل
baɍuɍbarar
keluɍkelær
køɍyɍkørær
ketuɍketær
6› ئاراتۈرك شېۋىسىدە [a]، [o]، [u] تاۋۇشلىرىدىن كېيىن بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن [ʁ] تاۋۇشى، [æ]دىن كېيىن بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن [g] تاۋۇشى، پەس ياكى سەل پەس سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن سۆزلەرنىڭ ياكى بوغۇملارنىڭ ئاخىرىدا كەلگەن [l] تاۋۇشىچۈشۈپ قالىدۇ. مەسىلەن:
ئاراتۈرك شېۋىسى ئەدەبىي تىل
o:laqoʁlaq
ba:laqbaʁlaq
ja:lïqjaʁlïq
bu:rabuʁra
æ:lækælgæk
læ:læklæglæk
æ:riægri
ʧæ:pækʧælpæk
pa:ʧïqpalʧïq, laj
ja:ʁuzjalʁuz
7› ئاراتۈرك شېۋىسىدە ئەسلى سۆز تۈپىدە بولغان، لېكىن كېيىن تىل تەرەققىياتى جەريانىدا ئەدەبىي تىلدا چۈشۈپ قالغان سۆز ئوتتۇرىسىدىكى [r] تاۋۇشى تا ھازىرغىچە چۈشۈرۈلمەي، ئەسلىدىكىسى بويىچە [ɍ]تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
ئاراتۈرك شېۋىسى ئەدەبىي تىل
ʁiɍʤækʁiʤæk
tøɍttøt
χaɍmanχaman
qaɍʁaqaʁa
kæɍkækæɍkæ
kørtækydæ
tigiɍmæ(n)tygmæn
8› ئاراتۈرك شېۋىسىدە [q] تاۋۇشىنىڭ تۈرلەنگەندە تەلەپپۇزدا [χ] لىشىشى، [ʧ] تاۋۇشىنىڭ [ʃ] لىشىشىدىن باشقا، [w] تاۋۇشى ئاساسەن دېگۈدەك [g] غا نۆۋەتلەشتۈرۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
ئارتۈرك شېۋىسى ئەدەبىي تىل
gaχtïŋwaqtïŋ
ʧaʧʧaʃ
hajganhaywan
ʤugazʤuwaz
ʤuga:ʤuwan
gaχwaχ
gajitwahit
9› ئاراتۈرك شېۋىسىدە تاۋۇشلارنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇش ھادىسىسىمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مەسىلەن:
ئاراتۈرك شېۋىسى ئەدەبىي تىل
ʧiglæʧilgæ
næɍwænæwræ
ʧæɍwæʧæwræ
to:(ʁ)laqtolʁaq
a:(ʁ)ramʧaarʁamʧa
qapïlaqqalpaq
10›ئاراتۈرك شېۋىسىدە بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەر، پۈتكەن ۋە پۈتمىگەن سۈپەتداشلار، بەزى ياسىغۇچى ۋە تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارنىڭ ئاخىرىدىكى [n] تاۋۇشى، شۇنىڭدەك كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن [n] تاۋۇشى تەلەپپۇزدا پۈتۈنلەي دېگۈدەك چۈشۈپ قالىدۇ. چۈشۈپ قالغان تاۋۇشنىڭ ئالدىدىكى سوزۇق تاۋۇش سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ئەمما ئېگىز سوزۇق تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەردە، پېئىل يىلتىزى ياكى ئۆزەكلىرىنىڭ ئاخىرىدا چۈشۈپ قالمايدۇ. مەسىلەن:
ئاراتۈرك شېۋىسى ئەدەبىي تىل
aχu:aχun
ʤuga:ʤuwan
obda:obdan
tuŋga:tuŋgan
qaldurʁaqaldurʁa
kæ:gækælgæn
11› ئاراتۈرك شېۋىسىدە سۆز ئاخىرىدىكى [k] ,[q] تاۋۇشلىرى بۇ سۆزلەرگە شۇ تاۋۇشلار بىلەن ياكى [ʁ]، [g]، [j] قاتارلىق تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان سۆزلەر قوشۇلۇپ، ئېنىقلىغۇچى- ئېنىقلانغۇچى مۇناسىۋىتىدىكى بىرىكمىلەرنى ياسىغاندا چۈشۈپ قالىدۇ. م:
ئارا تۈرك شېۋىسى ئەدەبىي تىل
tyr:køltyrkkøl
qïrï:qatqïrïqqat
kø:jarʁolkøkjarʁol
kø:gylkøkgyl
qïrï:ʁolqïrïqʁol

2. لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكى
ئاراتۈرك ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا ساقلىنىپ قالغان لېكسىكىلىق تەركىبلەر بىزگە بىردە يىراق ئۆتمۈشنى ئەسلەتسە، بىردە مەدەنىيەتلەر ئۇچرىشىشىنىڭ جانلىق مىساللىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنى دەپ ئۆتۈش كېرەككى، ئاراتۈركتە چارۋىچىلىق ئاتالغۇلىرى، دېھقانچىلىق ئاتالغۇلىرى كۆپرەك، باشقا ھۈنەر- كەسىپكە (چەشمە قاتارلىق يەرلىك ھۈنەر- كەسىپلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا) دائىر ئاتالغۇلار ئازراق. ھەتتا ئاراتۈركتە ئاشخانا تىجارىتىمۇ تازا يۈرۈشۈپ كەتمەيدۇ. پۈتكۈل قۇمۇل دىيارىدا ئۆيى تۇرۇپ سىرتتىن تاماق يەيدىغانلار باشقىلارنىڭ كۆزىگە سىغمايدۇ. شۇڭوا ئاشخانا ئاچىدىغانلارمۇ يوق دېيەرلىك. تۆۋەندە ئاراتۈرك ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى بىرنەچچە نۇقتىلار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز.
1›«ئاراتۈرك»، «تۈركۆل» ئاتالغۇلىرى توغرىسىدا
ناھىيە نامى بولغان ئاراتۈرك ئۆز ئىسمىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرغىنىدەك ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئاتالغۇ بولۇپ، «ئوتتۇرىدىكى تۈركلەر، ئارىدىكى تۈركلەر» دېگەن مەنىدە. بۇ سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشىنى شەرقىي تۈرك خانلىقى ۋە غەربىي تۈرك خانلىقى دەۋرلىرىگە سۈرۈشكە بولىدۇ.
مىلادىيە 6- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاشىنا ئۇرۇقى، يەنى كۆكتۈركلەر بىردىنلا كۈچىيىپ، جۇرجان خانلىقىنىڭ ئاجىزلاشقان ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، تۈركىي تىللىق ئۇرۇق ۋە قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، مىلادىيە 552- يىلىدىن باشلاپ، موڭغۇل يايلاقلىرى، قۇرىغار رايونى (ھازىرقى شىنجاڭ دائىرىسى) ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى قاتارلىق كەڭ رايونلاردىكى ئۇزاق مۇددەتلىك بۆلۈنمىچىلىك ھالىتىنى تۈگىتىپ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ قاپ بېلىدىن كېسىپ ئۆتكەن بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك كۆكتۈرك خانىدانلىقىنى تىكلىدى. ئەمما مىلادىيە 581- يىلى تابار قاغان ۋاپات بولۇپ، كەسكىن تەخت تالىشىش كۈرەشلىرى ئارقىلىق تەختكە تابار قاغاننىڭ ئىنىسى ئىشبارا قاغان چىقىدۇ. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئوغلى ياللۇغ تېكىنگە تۇغلا دەرياسى ۋادىلىرىنى، ياندۇ ئېركىن (مۇقان قاغان)نىڭ ئوغلى تارمانغۇ قاغان (دالۇبيەن)غا ئۆتۈكەن تېغىنىڭ غەربىي شىمالىنى، ئىستەمى قاغاننىڭ ئوغلى تاردۇش قاغانغا ئىلى دەرياسى ۋادىلىرىنى، ئىنىسى چۆرۆكۆلگە تاتار رايونلىرىنى بۆلۈپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن خانىدانلىقنىڭ ئاساسىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان يېڭى مەمۇرىيەت تۈزۈمى ـــ «سۇيۇرغاللىق سىستېمىسى» بارلىققا كېلىپ، مەركەزنىڭ ھوقۇقى ئاستا- ئاستا ئاجىزلىشىشقا باشلىغان. ئىشبارا قاغان خانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپلارنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا قادىر بولالمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دەۋردە خانلىقتا قاتتىق ئاچارچىلىق، تۈرك دالاسىدا ئېغىر جۇت يۈز بېرىپ، نۇرغۇن مال- چارۋىلار ئاچارچىلىقتىن قىرىلىپ كەتتى، خەلقنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرىمۇ تۈگەپ، يېمەكلىك جاندىن ئەتىۋار بولۇشتەك قورقۇنچلۇق ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇ ھال خانلىقتىكى ھەرقايسى سۇيۇرغاللىقلارنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مىلادىيە 583- يىلى 32 يىل ھۆكۈم سۈرگەن كۆكتۈرك خانىدانلىقى ئاخىرى شەرقىي تۈرك خانىدانلىقى ۋە غەربىي تۈرك خانىدانلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. ئىشبارا قاغان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ياللۇغ تېكىن ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلار «شەرقىي تۈرك خانلىقى»، تاردۇش قاغان ۋە تارمانغۇ قاغان ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلار «غەربىي تۈرك خانلىقى» دەپ ئاتالدى، ئالتاي تاغلىرى ئىككى خانلىقنىڭ پاسىلى قىلىندى. شەرقىي تۈرك خانلىقى بىلەن غەربىي تۈرك خانلىقى بۆلۈنگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئۇرۇشلىرى ئۈزۈكسىز يۈز بېرىپ، ئاخىرى ھەر ئىككى خانلىق تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلدى، كېيىنچە كېيىنكى تۈرك خانلىقى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىقتى. ئاراتۈرك رايونى غەربىي تۈرك خانلىقى بىلەن شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ پاسىلى قىلىنغان ئالتاي تېغىنىڭ شەرقىي ئۇچىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن شەرقىي تۈرك خانىدانلىقىغىمۇ، غەربىي تۈرك خانىدانلىقىغىمۇ تەۋە بولماي، «ئاراتۈرك» دەپ ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ نامنىڭ قوللىنىلغىنىغا 1500 يىل ئەتراپىدا بولغان بولىدۇ.
تۈركۆل ― ئاراتۈرك ناھىيەسى تۈركۆل يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شىمالىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى تۇزلۇق كۆلنىڭ نامى، بۇنىڭدىن ئېلىنىپ كۆل تەۋە بولغان يېزا نامىمۇ «تۈركۆل» دەپ ئاتالغان. تۈركۆل يېزىسىنىڭ خەنزۇچە نامى «盐池» بولۇپ، بۇ نامغا قاراپلا ئەسلى ئۇيغۇرچە نامىنى بىلمەيدىغان بەزى تەرجىمانلار مەتبۇئات، رادىيو- تېلېۋىزىيەدە ئۇنى «تۇزكۆل» دەپ تەرجىمە قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. دېمىسىمۇ بۇ كۆلدىن ئاساسلىقى تۇز مەھسۇلاتى چىقىدۇ، بۇ كۆل رايونىمىزدىكى تىپىك پارلىنىدىغان ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى، گەرچە ھازىر كۆل يۈزى 30 كۋادرات كىلومېتىر ئەتراپىدا بولسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتلاردا خېلىلا نامى بار كۆل ئىكەنلىكى نامىدىن مەلۇم. «تۈركۆل» نامىنىڭ ئەسلى ئېيتىلىشى «تۈرك كۆل» بولۇپ، جانلىق تىلدا «تۈرك» بىلەن «كۆل» بىرلىكتە تەلەپپۇز قىلغاندا، ئارىدىكى بىر «ك» قىسقىراپ، «تۈركۆل» بولۇپ قېلىپلىشىپ قالغان (بۇ خىل ھادىسىنى فونېتىكا قىسمىدا دەپ ئۆتتۇق كېيىنچە بۇ يېزىقتىمۇ شۇ بويىچە قېلىپلىشىپ قالغان.
2›ئاراتۈرك شېۋىسىدە ئەدەبىي تىلدا بەزى قەدىمكى ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار ساقلانغان. مەسىلەن:
jamdïmaq―سۈپۈرمەك. م: ajlaqïzïmøjlæ:nijamdïwetiŋ―خان قىزىم ئۆيلەرنى سۈپۈرىۋېتىڭ!
qo:q~qowuq― ئىشىك، دەرۋازا. م: jamdaχqo:qnïŋkæjnidæ―سۈپۈرگە ئىشىكنىڭ كەينىدە.
kæp―قېلىپ، ئەندىزە. م: kæpsizbala―كەپسىز (قېلىپسىز) بالا.
adaqïlmaq― ئۇپراتماق، كونىراتماق. م: kijimimadabolupkætti― كىيىمىم (ئۇپراپ) كونىراپ كەتتى.
jada― يامغۇر. م: quɍʁaqʧïlïqgaχladajadaqïlïmïz―قۇرغاقچلىق ۋاقىتلىرىدا يامغۇر تىلەيمىز.
eɍïʁ―پۈتۈنلەي، تامامەن، ھەممىسى. م: kænttikilæ: eɍïʁbeɍiptu― كەنتتىكىلەر پۈتۈنلەي بېرىپتۇ.
3› ئاراتۈرك شېۋىسىدە ئەدەبىي تىلدا تەڭدىشى يوق، مەخسۇس ئارتۈرككىلا خاس بەزى لېكسىكىلىق تەركىبلەر ساقلانغان بولۇپ، ئەدەبىي تىلىمىزنى بېيىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. م:
qukbolʁaj― ئۆمۈرلۈك بولغاي، ئىناق بولغاي.
boʁum― ئۇكا، ئۆزىدىن كىچىكلەرمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ.
qapïlaq―قۇلاقچا، قۇلىقى بار تۇماق.
døzæt―ئىسراپخور؛ پۇتى يىرىك.
pytøʤæpqalmaq―قاپسىلىپ قالماق، ئالدى- كەينىگە ماڭالماس بولۇپ قالماق..
kæɍy~kæŋɍy― زىيادە، ئارتۇق، كۆپ.
zækʧæ― بىر قورۇ قوينىڭ ئالدىدا يول باشلاپ مايىدىغان قوي، سەركە.
tomusqalduɍmaq― تېرىلغۇ يەرنى ئارام ئالدۇرماق. بىر يىل ئاق تاشلىۋېتىلىپ دەم ئالدۇرۇلغان يەر «tomusjær» دېيىلىدۇ.
niʤiɍ― ئالدىراش مەزگىل. م: atmïʃaltædæɍjasyji biɍwolupaχtï, mænjaɍïmʁawaqajdesæmniʤiɍniŋgaχtï.
qoɍïmaq― ئېكەكلەپ ئىتتىكلەتمەك. بۇنىڭدىن ئېلىنىپ، ئېكەكمۇ «qoraj» دېيىلىدۇ.
mïlʤïq~mïnʤïq― مەينەت، كىر، پاسكىنا.بۇنىڭدىن ئېلىنىپ مايلىشىپ كەتكەن كىر داستىخانمۇ «mïnʤaɍma~mïlʤaɍma» دېيىلىدۇ.
paʧïq ~palʧïq― لاي.
qaʃqïɍmaq― قانسىراتماق. م: øpkisiniqaʃqïɍïwæ:dimqo(j)nïŋ
kølʧæ―چۆنەك، كەيزە. ئوتياش تېرىش ئۈچۈن كىچىك- كىچىك قىلىپ ئايرىم تاختىلانغان ئېتىزچاق.
hættæmlimæk―پو ئاتماق، چوڭ سۆزلىمەك، لاپ ئۇرماق. بۇنىڭدىن ئېلىنىپ، پوچى، لاپچى كىشى «hættæmpoɍ» دېيىلىدۇ.
oɍa― تەسكەي تەرەپ.
øwæɍ―كۈنگەي تەرەپ.
kypkæk―قوتاننىڭ ئىچىنى ئويۇپ، يېڭى تۇغۇلغان قوزا، ئوغلاقلارنى سېلىپ قويىدىغان ئىسسىق يەر ئاستى ئۆيى.
køndø―قىسىلچاق، قىساڭ. ئىككى تاغنىڭ ئارىسى.
oqtaɍʁa―تۆپىلىككە تۇتىشىدىغان ئۇدۇل يول.
boχtaʁ―داۋاندىن پەسرەك تاغ يولى.
køtæl― بوختاغدىن پەسرەك تاغ يولى.
daɍqa―ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدىكى ئېقىش.
eqïʃ― تاغ سۇلىرى، كەلكۈن سۈيى ئاقىدىغان جىرا، ساي.
kødɍæ― تاغنىڭ يېرىمىدىن تاغ باغرىنى بويلاپ ماڭغان يول.
ʧyrø―بىرلا مال ماڭالايدىغان تار تاغ يولى.
ʃaχʃuɍ― ئېگىز تاغنىڭ يانباغرىدىكى ئېقىپ كەتكەن تاش ئېقىنى.
asqa―چوڭ قورام تاشلار ئېسىلىپ قالغان يەر.
qælij―لەغمەننىڭ قورۇمىسى.
ʧota― كاكچا نان، نېپىز يېقىلغان نان.
pujpaʃlïmaq―ئۆزىنى قاچۇرماق.
liksigæn― شىرىشىم كۆتەك، يېرىم نەم ھالەتتىكى كۆتەك.
maqalʧaq― ئاچا تۇياق ھايۋانلارنىڭ تۇيىقى.
laʁla~lola― ئويمان- دۆڭ، ئويمان- چوڭقۇر (يەر).
buɍalqï―لالما، ئۆيدە ئولتۇرالمايدىغان كىشى.
jælqo:z― رېماتىزم، بوغۇم ياللۇغى.
tïsɍïmaq― ياقا يۇرتتا يېنەپ يۈرمەك.
يۇقىرىقى لېكسىكىلىق تەركىبلەردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئاراتۈرك ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا تاغ، دالا، دالا ئۆسۈملۈكلىرى ھەققىدىكى ئاتالغۇلار مولراق. بۇلارنى تولۇق توپلاپ، رەتلەپ، ئەدەبىي تىلدا تەڭدىشى بولمىغان سۆزلەرنىڭ ئورنىغا قوللىنىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن مول.
4› ئاراتۈرك شېۋىسىدە سىرتتىن كىرگەن، بولۇپمۇ خەنزۇچىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن لېكسىكىلىق تەركىبلەرمۇ خېلى بار. م:
bæʧæj―(‹白菜)يېسسىۋېلەك
bæjlimæk―(‹摆+læ)يايماق، يېيىپ قويماق.
―ʤo(ja)za(‹袄、竹腰子) چاپان.
χæ(n)tæj― (‹汗衫) كۆڭلەك، ئەرلەر كۆڭلىكى.
χij― (‹街) مەھەللە، كوچا، تالا.
sæjzæ― (‹筛子)غەلۋىر.
gaŋ― (‹王) گاڭ، ۋاڭ. ئاراتۈركتە ئۆسمۈر ۋە ياش ئوغۇللارنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە قوشۇلۇپ، ئەركىلەتمە تەرىزدە ئېيتىلىدۇ. م: hæjgaŋ,maŋaqaɍa!△nijazgaŋ,ækbæɍgaŋ
monoχæj―(‹模拟黑) بۆرىنى ئۈركىتىش ئۈچۈن مال قورۇسىغا تىكىپ قويىلىدىغان قارانچۇق.
muŋquj―(‹面糊) شىلىم. م: muŋqujdækʧilinipkætkæ(n) bimænækynlæ(ɍ)gæχoʃdæyni―مۇڭقۇيدەك چېلىنىپ كەتكەن بىمەنە كۈنلەرگە خوش دەيلى.
5› ئاراتۈرك شېۋىسىدە يەنە ئەدەبىي تىلدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر قىسىم جۈپ سۆز ۋە بىرىككەن سۆزلەر ئۇچرايدۇ. م:
kyjøkakyjø+aka>―يېزنە.
tygywaʃtygyp+aʃ>―چۆچۈرە.
na(n)ʧikiliʁuʧna(n)+ʧikiliʁuʧ>―نان چەككۈچ، تۈكۈچ.
qozïqap‹qoza+qap― يېڭى تۇغۇلغان قوزا، ئوغلاقلارنى سېلىۋالىدىغان كىگىز خالتا.
syzywaʃ>syzyp+aʃ― لەغمەن، لەڭمەن.
a(j)ʁ(a)waqaɍajʁa+baqar>―ئايغا باقار، ئاپتاپپەرەس.
balïʧynbala+ʧyn>―بالا- ۋاقا، بالا- چاقا.
tutaɍ-qapaɍ―ئۆي سەرەمجانلىرى، روزىغار.
jeza-japan― يېزا- سەھرا، چۆل- باياۋان.
usqan-tæskæn― بوي- تۇرق، تەقى- تۇرق، فىگورا.
6›ئاراتۈرك شېۋىسىدە شۇ يەرنىڭ ئۆزىگىلا خاس جەمەت لەقەملىرى ۋە ماقال- تەمسىللەرمۇ ئۇچرايدۇ. ئاراتۈركتە، شۇنداقلا قۇمۇل دىيارىدا ھەر بىر جەمەتنىڭ جەمەت لەقىمى بار بولۇپ، بۇ لەقەملەرنىڭ مەيدانغا كەلگىنىگە نەچچە يۈز يىللار بولغان. بۇ لەقەملەر ئۇلارنىڭ ئاتا- بابىلىرىنىڭ نامى، ئۇلار شۇغۇللانغان كەسىپ نامى، ياكى ئۇلارنىڭ ئاتا- بابىلىرىنىڭ مەلۇم جىسمانىي ئالاھىدىلىكى، يا بولمىسا ئاتا- بابىلىرىنىڭ مەلۇم پىسخىكىلىق خۇسۇسىيىتى، مىجەز- خاراكتېرى، قىزىقىش- ھەۋىسى قاتارلىقلارغا قاراپ قويۇلغان. بۇ جەھەتتىن ئۇلارنىڭ جەمەت لەقىمى باشقا يۇرتلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمەت لەقىمىگە ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، لېكىن ئاراتۈرك ئۇيغۇرلىرىنىڭ جەمەت لەقىمى تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئەجدادتىن ئەۋلادقا مىراس قېلىش جەھەتتىكى ئىزچىللىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا، بۇ لەقەملەر ئاللىقاچان فامىلىنىڭ رولىنى ئۆتىگەن. ئاراتۈرك ناھىيەسىدە ئاللەيلەر، تاشلاڭلار، قارا ماشقاقلار، چەپەك (چەلپەك)لەر، قار ياغدىلار... دېگەندەك جەمەت لەقەملىرى بار. لەقەمگە مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر ماقال ئاراتۈرك ناھىيەسى باي يېزىسىدا چوڭدىن كىچىككىچە بىلىدىغان ماقالغا ئايلانغان:
allæ(ɍ) jyɍæ(ɍ) syɍygibilæ(n), mïltïqatïdupyɍygibilæ(n)
ئاللەيلەر يۈرەر سۈرۈكى بىلەن، مىلتىق ئاتىدۇ پۈرۈكى بىلەن.
بۇ ماقالدىكى بىرنەچچە سۆزنى ئاۋۋال چۈشىنەيلى:
syɍyk― توپ، توپ- توپ، گۇرۇھ.
pyɍyk― پۈرۈك،قۇيرۇق.
ئاللەيلەر جەمەتى ئادەتتە بىر- بىرى بىلەن ئۆم- ئىناق ياشىغاچقا، توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىكەن. ئۇلار ئەينى ۋاقتىدا ئوۋ ۋە جەڭ ئىشلىرىغا ماھىر، قورال ئىشلىتىشكە ئۇستا جەمەت بولغاچقا، ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئاتىدىەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ ماقال پەيدا بولۇپ، ھازىرغىچە دېيىلىپ كېلىۋېتىپتۇ.
børiniŋtæŋortaχ, qaʁïnïŋdæɍæχweʃïda
بۆرىنىڭ تەڭ ئورتاق، قاغىنىڭ دەرەخ بېشىدا.
بۇ ماقال تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن دىققىتىمىزگە سازاۋەردۇر. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە بۇ ماقالنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ۋارىيانتى مۇنداق خاتىرىلەنگەن:
børiniŋortaqquzʁunnïŋjïʁaʧbaʃïnda
بۆرىنىڭ ئورتاق، قۇزغۇننىڭ دەرەخ بېشىدا. (كونا نۇسخا 1- توم، 573- 1؛ يېڭى نۇسخا 334- 21)
مەھمۇد كاشغەرى بۇ ماقالنى مۇنداق ئىزاھلىغان: «قاغا- قۇزغۇن بۆرىنىڭ تاپقىنىغا تەڭ شېرىك بولىدۇ؛ ئۆزىنىڭ تاپقىنىنى بولسا، دەرەخ بېشىدا ئولتۇرۇپ يەيدۇ». دېمەك، بۇ ماقالنىڭ تارىخى مىڭ يىلدىن ئاشىدۇ. بۇ مارقال مىڭ يىللار مابەينىدە ئاراتۈركتە ئىزچىل ئېيتىلىپ كېلىنىۋېتىپتۇ.
3. گىرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكى
ئارتۈرك شېۋىسىدە ئەدەبىي تىلدىن ئالاھىدە پەقلەنگۈدەك ئالاھىدىلىك بولمىسىمۇ، لېكىن قىسمەن ئۆزگىچىلىكلەرنى بۇ يەردە ئېيتىپ ئۆتۈش ئارتۇقچە بولماس.
1› «يوق» سۆزى ئاراتۈركتە «يوقلا» بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بۇ يەردە «يوق»قا قوشۇلغان «-لا» قوشۇمچىسى مەنە پەقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە. بۇ مۇتلەق يوقلۇقنى بىلدۈرىدۇ. «يوق» سۆزى ئەدەبىي تىلدىكى «ياق»نىڭ ئورنىدا قوللىنىلىدۇ. بۇ ئاساسەن جۈملىلەردە شۇنداق كېلىدۇ. م:
△ –تاماكاڭ بارمۇ؟
– يوقلا.
△– يەنە دەيدىغان قانداق گەپلەر بار؟
– يوقلا.
2›«دېگەن، نېمە» سۆزلىرى ئاراتۈرك شېۋىسىدە جۈملە ئاخىرىدا كېلىپ، ئۆزىنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى يوقىتىپ گىرامماتىكىلىق مەنە بېرىپ، يۈكلىمە رولىنى ئوينايدۇ. م:
△ ʃæɍiχa(n) atlïq biɍ aʧïmïzwa(ɍ) degæ(n), øzihepizdegæ(n), yoldïʃïʁiɍʤæktartïdudegæ(n).
△ uøziowizdaptaqqawa(ɍ) ʁannemæ.
3›ئاراتۈرك شېۋىسىدە ئىككىنچى شەخسكە قارىتىپ ئېيتىلىۋاتقان سۆز ئۈچىنچى شەخسكە قارىتىلىپ ئاخىرلىشىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. م:
△sænhaziɍ nædidu?
△sænyenïmʁakeliwatamdu?
4› پېئىلنىڭ ئىزچىل ھازىرقى زامان شەكلىنى ھاسىل قىلغۇچى قوشۇمچە «-ۋات//-ىۋات، -ۋەت//-ىۋەت» ئاراتۈرك شېۋىسىدە كۆپىنچە ھاللاردا «-ۋەر//-ىۋەر» شەكلىدە كېلىدۇ. م:
△ʁiɍʤækni biɍ ʧelæweɍæ
غېجەكنى بىر چېلىۋېتە!
△biɍdæmsaχlapturupaχïɍïbo(l)majketæwæɍdim.
بىردەم ساقلاپ تۇرۇپ، ئاخىرى بولماي كېتىپقالدىم.
5› ئاراتۈرك شېۋىسىدە «ئېكى» دەيدىغان ئالاھىدە بىر خىل يۈكلىمە ۋە ئەجەبلىنىش، ھەيران قېلىش، تەئەججۇبنى ئىپادىلەيدىغان «ۋادىۋا» دەيدىغان بىر روھىي ھالەت ئىملىقىكۆپ قوللىنىلىدۇ. م:
△baɍamsæeki? △kelæmsæeki?
△wadïwa, nemædegæso:q?
△wadïwa,nemda: yoʁakalïdubu?

يىغىپ ئېيتقاندا، ئاراتۈرك ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى قۇمۇل شېۋىسىنىڭ تاغلىقلار تارماق شېۋىسىنى تەشكىل قىلسىمۇ،لېكىن قۇمۇل شېۋىسىنى جۇغراپىيەلىك جايلىشىشى ۋە كەسىپ تۈرى بويىچە يەنە تارماق شېۋىگە ئايرىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ئەمما بىز بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ئاراتۈرك ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدىكى ئۆزگىچىلىكلەرنى يورۇتۇشتىكى مەقسىتىمىز قۇمۇل شېۋىسىنى ئايرىش ئەمەس، بەلكى قۇمۇل شېۋىسىنىڭھەرقايسى بۆلەكلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكە چۈشەندۈرۈش، «بەش شەھەر، 12 تاغ»دىن تەركىب تاپقان قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىشتىن ئىبارەت. بەلكىم بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى قۇمۇل ئورتاق شېۋىسىدىمۇ گەۋدىلىنىشى مۇمكىن. ئاراتۈرك ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى گەرچە ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە تىل ئالاھىدىلىكى قۇمۇل شېۋىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. قۇمۇل شېۋىسىدىكى چارۋىچىلىققا، تاغ- تاش، ئېقىن- دالا، ياۋايى گىياھ ناملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاراتۈرك ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا ساقلانغان. شۇڭا قۇمۇل شېۋىسىنى تەتقىق قىلىشتا، ئاراتۈرك ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە نەزەر ئاغدۇرۇش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەكشۈرۈشىمىز ناھىيەلەرنى بىرلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، ئاساسلىقى لېكسىكىلىق تەركىبلەرنى توپلاش بولغاچقا، فونېتىكىلىق، گىرامماتىكىلىق جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلەرگە تازا دېگەندەك كۆڭۈل بۆلەلمىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداق بىرنەچچە نۇقتا شۇ جاينىڭ دىيالېكىت ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىۋېتىپتۇ. بۇمۇ تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
بىرىنچىدىن، تەكشۈرگەن نۇقتىلىرىمىزدىكى دېھقانلار ھازىر يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ چىقىپ، ئولتۇراق جەھەتتىكى خاسلىقىنى كۆرەلمىدۇق ياكى قۇرۇلۇش، بىناكارلىق ئاتالغۇلىرىنى توپلاشقا ئىمكانىيەت بولمىدى؛
ئىككىنچىدىن، رادىيو- تېلېۋىزىيە، گېزىت- ژۇرنال ۋە مەكتەپتىكى ئەدەبىي تىل نورمىسىنىڭ ئومۇملىشىشىغا، ئالىي مەكتەپ تەربىيەسى ئالغانلارنىڭ كۆپلەپ يۇرتىغا قايتىشىغا ئەگىشىپ، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەسلىدە ئاتا- بابلىرى قوللىنىپ كەلگەن يەرلىك شېۋىلەرنى قوللىنىش چاستوتىسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ ماڭغان. نەتىجىدە ئاتا- ئانىسىنىڭ سۆزلىرىنى چۈشىنىدىغان، لېكىن ئۇنى ئىزاھلاپ بېرەلمەيدىغان ھالەت شەكىللىنىشكە باشلىغان؛
ئۈچىنچىدىن، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن قەدىمكى ئىپتىدائىي قول ھۈنەر سەنئەتلىرى زاۋۇتلىشىشقا يۈزلەنگەندىن كېيىن، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنىڭ سانى ئازىيىشقا، شۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئاتالغۇلارمۇ ئازىيىشقا باشلىغان.
يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكىت- شېۋە پەرقلىرى غۇۋالىشىشقا، ھەتتا بەزى دىيالېكىت- شېۋە سۆزلىرى ئىستېمالدىن قېلىشقا باشلىغان.شۇنداق بولسىمۇ دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە ھېس قىلغانلىرىمىزنى رەتلەپ چىقتۇق. مېنىڭچە، تەكشۈرۈش بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدۇ.
پايدىلانمىلار:
1.ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتى قۇمۇل ۋىلايىتى ئاراتۈرك ناھىيەسىنى تەكشۈرۈش ماتېرىيالى، 2013- يىلى دېكابىر؛
2. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شېۋىسى» قۇۇل شېۋىسىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى، 1997- يىلى نەشرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر