باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي

ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي بىلەن سۆھبەت

(سۆھبەت خاتىرىسى)

2015.01.21 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۆھبەت ۋاقتى: 2014-يىل 29- نويابىر، شەنبە.

  سۆھبەت ئورنى: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى

  ئالىم راخمان:

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم ئۇستاز ! ئالدى بىلەن، قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ زىيارىتىمنى قۇبۇل قىلغانلىقلىرىغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر.

  سوئال: ھەربىر كىشىنىڭ ياشىغان مۇھىتى ئۆزىنىڭ ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. قەشقەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشىكى بولغان قەدىمىي ئېسىل ماكان، ئۆزلىرىگە بالىلىق دەۋىرلىرىدىكى قەشقەر قانداق تەسىر كۆرسەتكەن؟

  ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي:

  ئەلەيكۇم سالام، ئالىم راخمان ئىنىم! ئەلەيكۇم سالام، خەلق تورى ئەھلى! شۇنداق، قەشقەر ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنىڭ بۆشۈك شەھەرلىرىدىن دېيىلىدۇ. مېنىڭچە، بۇ ھېچبىر مۇبالىغىسىز ئېيتىلغان توغرا سۆز. مەن 1950-يىل قەشقەردە تۇغۇلغان. 56-يىلى، باشلانغۇچ مەكتەبكە كىرگەن. 1963-يىلى قەشقەر 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنى، 1966-يىل، قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن.

  بالىلىقىمدا، ماڭا ئەڭ تەسىر كۆرسەتكىنى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىللىقى، سۈپەتلىكلىكى دېيەلەيمەن. 2013-يىلى، مەن تولۇقسىزنى ئوقۇغان ئانا مەكتىپىم قەشقەر 1-ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلەندى. شۇ مۇناسىبەت بىلەن، بىر توپلام چىقاردى. مەن ئۇ توپلامغا «ئۈزۈلمەس رىشتە» ماۋزۇلۇق ئەسلىمەم بىلەن قېتىلدىم. ئۇ توپلامنى تۈزگۈچىلەر مېنىڭ ئۇ ماۋزۇيۇمنى پۈتۈن توپلامنىڭ ماۋزۇسى قىلىپتۇ. دېمەك، ئەسلىمەم ئۇلارغا ياراپتۇ. كېيىن، ئۇ ئەسلىمەمنى تورغا بەردىم. تورداشلىرىمدىنمۇ ئىنكاس ئوبدان. مەن ئۇ ئەسلىمەمدە، ئاشۇ بالا-ئۆسمۈر ۋاقتىمدا ماڭا تەسىر كۆرسەتكەن ئابدۇخېلىل رىشات قاتارلىق مۇئەللىملىرىمنى يازدىم. دېمەكچىمەنكى، ئون نەچچە ياشلىق كىچىك بالىلارمۇ مۇئەللىملەرگە ئۆزلىرىنىڭ ئاق غۇبارسىز كۆڭۈللىرى بىلەن دېئاگنۇز قويۇپ، قايسىنىڭ يارايدىغان، ۋە قايسىلىرىنىڭ يارىماس ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە توغرا باھالىيالايدۇ. شۇڭا، مەن ھازىرقى ياش ئىز باسارلارغا دەيمەنكى، بالىلارنى ئالدىماسلىق، راستچىللىق بىلەن ئۆسمۈر بالىلارنىڭ دوستى ۋە سەمىمىي يېتەكچىسى بولۇش لازىم. مېنىڭ ئۇ بالا-ئۆسمۈر ۋاقتىمدىكى مۇئەللىملىرىمنىڭ ئىچىدە، مەيلى ماتىماتكا دەرسى بېرىدىغانلىرى ۋە مەيلى تىل—ئەدەبىيات بېرىدىغانلىرى بولسۇن، ئىملاسىز خەت يازمايتتى، مەنتىقىسىز گەپ قىلمايتتى. مەكتەپلەرنىڭ ئىلىم ھاۋاسى ئەجەب كۈچلۈك بولىدىغان. باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا تۈرلۈك ئىلىم كۇرژۇكلىرى، يەنى ئىلىم ئۆگىنىش گۇرۇپپىلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. مەكتەپلەردە، مۇئەللىملەر سەۋىيەلىك، ئېسىل، ئىلىم ھاۋاسى قويۇق، مۇھىت گۈزەل. مانا بۇ مېنى بالىلىقىمدىن ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن قىلغان ئوبيېكتىپ شارائىتلار ئىدى، دېيەلەيمەن.

  سوئال: ئۆزلىرىدەك مىللەتنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۆيىدە ئېقىۋاتقان بىر كىشىنىڭ ھاياتىدا ئۆزىگە ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن مەلۇم بىر شەخس بولىدۇ، ئۇنداقتا ئۆزلىرى ياشىغان ئەينى دەۋر مۇھىتىدا ئۆزلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن كىملەر بارئىدى؟ نېمەئۈچۈن ئۆزلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن؟

  جاۋاب: ئۇستاز خەمىت تۆمۈر. ئۇستاز خەمىت تۆمۈر 1931-يىل تۇرپاندا تۇغۇلغان. 2006-يىل 75 يېشىدا، ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولۇپ كەتتى، ئاللاھ جەننەتلىك قىلغاي!.

  مەرھۇم ئۇستازىمىز ئالدى بىلەن، پىشقان ئەدەبىي تەرجىمان ئىدى، ئۇ مەشھۇر جۇڭگو يازغۇچىسى باجىننىڭ «ئائىلە» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. ئۇ تەرجىمە قىلغان «روبىنسوننىڭ سەرگەردانلىقى» دېگەن رومانمۇ دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەر قاتارىدا سانىلاتتى ئۆز ۋاقتىدا.

  خەمىت تۆمۈر ئۇيغۇر تىلىنى ئەڭ پىششىق بىلىدىغان، شۇ بىلىك ئاساسىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئەڭ ئىلمىي ۋە ياخشى تەتقىق قىلغان مەشھۇر تىلشۇناس ئالىم ئىدى. ئادەتتە، بىرەر پەندە، مۇتەخەسسىس بولماق تەسمۇ ئەمەستەك، ئەمما پەزىلەتلىك ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس. ئۇستاز خەمىت تۆمۈر مېنىڭ ھاياتىمدا ماڭا بولۇشلۇق ياخشى تەسىر كۆرسەتكەن ئۇستازىم سانىلىدۇ. ئۇستازنىڭ پەزىلەتلىكلىكىگە بىر مىسال: ئۇ مەھەللىۋاز ئەمەس ئىدى. مەن قەشقەرلىكنى شاگىرت قىلىپ تاللىغان. بىز ئىلىم –مەرىپەت ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش بويىچە ھېچبىر خۇسۇمەت سىز ۋە ھېچبىر مەخپىيەتسىز ئوچۇق-يورۇق ئۇستاز-شاگىرتلار ئىدۇق. مەن خەمىت ئۇستاز بىلەن ئوتتۇز يىل ئۇستاز-شاگىرت بولدۇم، «چاغاتاي تىلى» دەيدىغان بىر ئىلمىي تەتقىقات كىتابى، «ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» (ئىككى تىل توغرۇلۇق مۇھاكىمە) ماۋزۇلۇق ۋەسىقە تەتقىقاتى كىتابى ۋە «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دەيدىغان بىر ژىرىك لۇغەت كىتابى بولۇپ ئۈچ پارچە ژىرىك ئىلمىي ئەسەرنى ھەمشىرىك ئىشلىدۇق. ئۇستاز خەمىت تۆمۈر تولىمۇ ئەستايىدىل ، ئاندىن بەكمۇ سەبىرچان ئالىم ئىدى. ئىككىمىز «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىنى 1976-يىلدىن باشلاپ رەسمىي ئىشلەشكە باشلاپ، 1992-يىلى پۈتتۇرگەن بولدۇق. لۇغەتنى پۈتتۈرۈپ، ئەشرىياتقا تاپشۇرغان يىلى ئەپەندىم پېنسىيەگە چىقىپ كەتتى. خەمىت تۆمۈر مائاۋىن مەكتەپ باشلىقى چاغدا لۇغىتىمىزنى «نەشىر قىلىمىز» دەپ قوبۇل قىلغان نەشرىيات ئۇ پېنسىيەگە چىقىپ كېتىشى ھامان: «بۇ لۇغىتىڭلار بەك چوڭ ئىكەن، باشقا نەشرىياتتا نەشىر قىلدۇرىۋېلىڭلار» دەپ قايتۇرىۋەتتى. بۇ 1993-يىلى ئىدى. خەمىت ئۇستازنىڭ كېيىنكى ئون يىلى ئاشۇ لۇغەتنى نەشىر قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇز مىڭ سۆزلۈك، تەخمىنەن سەككىز يۈزمىڭ خەتلىك لۇغەت ئورېگىنالىنى قولتۇقلاپ، نەشرىياتمۇ نەشرىيات قاتراش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. كېيىن، ئاغرىپ يېتىپ قالغاندىمۇ چىرايىدىن ھېچ نارازىلىق كۆرۈنمەيتتى: «ئەستايىدىل ئىشلىدۇق، ياخشى ئەسەر بولدى. ھامان نەشىر قىلىپ بېرىدىغانلار چىقىدۇ» دەيتتى ئۇ ئوخشاشلا سەبىرچانلىق بىلەن. ….

  ئۇستازنىڭ دېگىىنىدەك، 2009-يىل مىللەتلەر نەشرىياتى مەزكۇر لۇغەتنى «بىز نەشىر قىلىپ بېرەيلى» دەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، شۇ يەردە تەھرىرلىنىۋاتىدۇ. بۇ يىل ئاخىرىدا بولمىسا، كېلەر يىلى نەشىردىن چىقىپ قالار.

  سوئال: ئۆزلىرى زامانىمىزنىڭ داڭلىق تىلشۇناسى بولۇپلا قالماي، يەنە پىشقان قەلەم ئىگىسى ھېسابلىنىدىلا. ئەدەبىيات تىل سەنئىتىدۇر، ئۇنداقتا ئۆزلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تىل نۇقتىسىدىن قانداق قارايلا؟ئەدەبىياتىمىزدا نېمىلەر كەم، نېمىلەر يېزىلىشى كېرەك؟

  جاۋاب: تىل نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا، نۇرغۇن ياخشى، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. تەرەققىيات ئىپتىخارلىنارلىق. ئەگەر دىققەتنى ئاغدۇرۇپ قارىساق، ئىشلەشكە ئەرزىيدىغان ئەسەر ژانىرى جەھەتتىن نۆۋەتتە، تەرجىمىھال-تەزكىرە ئەدەبىياتىغا تالىق ئەسەرلەر بىلەن ئەدەبىي ئاخبارات ئىجادىيىتىگىمۇ ئېتىبار بېرىلىشى، مۇشۇ تۈردىكى ئەسەرلەرمۇ ئەھمىيەت بىلەن يېزىلىشى كېرەك دېگۈم كېلىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل تەزكىرە-تەرجىمىھال ژانىرىدىكى ئەسەرلەر ۋە نەق ئىشنى نەق ۋاقتىدىلا يېزىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن دەرمەھەل يۈز كۆرۈشتۈرىدىغان ئەدەبىي ئاخبارات ئەسەرلىرىنىڭ جەمئىيەتكە تەسىرچانلىقى يۇقىرى، خەلقنى يېتەكلەش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، يازغۇچىلىرىمىز، خۇسۇسەن ياش يازغۇچىلار مۇشۇ ساھەنىڭ يېزىقچىلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بەرسە.

  سوئال: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا نېمىلەر كەم بولىۋاتىدۇ؟

  جاۋاب: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا، ئاساسىي قۇرۇلۇش، باشلانغۇچ ساۋات ۋە ئاساسىي بىلىم تەتقىقاتى ياخشى بولمىغانلىقتىن، تىل تەتقىقاتىنىڭ ئەمەلىي ئىستېمالدىكى ئۈنۈمى ياخشى بولمايۋاتىدۇ مېنىڭچە. تىل-يېزىقنى نېمە ئۈچۈن تەتقىق قىلىمىز؟ ئۇنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، مەدەنىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تەتقىق قىلىمىز. بىزنىڭ تىل-يېزىق تەتقىقىقاتىمىز تىل ساھىبى ئاممىنى يېتەكلەپ، ئۆز تىل –يېزىقىنى ئىلىمغا ئۇيغۇن گۈزەل-گۈزەل قوللىنىشىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، ئەڭ مۇھىمى جەمئىيەتتە ئۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى كۆرۈلۈشى كېرەك.ئەپسۇسكى، بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات ياخشى بولمىغانلىقتىن ئەمەلىي ئۈنۈم ياخشى ئىپادىلەنمەيۋاتىدۇ. ئالايلۇق، يېزىق ئىملادا، «كەچ- كېچىكمەك، كېچىكىش…» دەپ ئۆگىتىمىز. بىراق، نۇرغۇن ئەۋلادلار «كىچىكىش (ئەمەلىيەتتە، بۇ «كىچىكلەپ كېتىش» دېگەن بولىدۇ!): مەن دەرسكە كىچىكىپ قالدىم» دەۋاتىدۇ. يەنە ئالايلۇق، يېزىقتا، «قوناق، ئاق قوناق؛ ئاچماق، ئېچىش، ئېچىپتۇ، ئاچماپتۇ؛ قۇچماق: زەپەر قۇچماق، زەپەر قۇچ» دەپ يازىمىز ؛ ئەمەلىي ئىستېمالدا بولسا، «ئاخ قوناخ، قوناخ ئاخلىماق؛ دۇكاننى ئاشماپتۇ؛ زەپەر قۇش، زەپەر قۇشماق…» دەۋاتىمىز. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، مۇشۇنداق ناباپ تەلەپپۇز قىلىشنى، ھۇرۇنلۇقتىن تىل تاۋۇشلىرىنى خاھلىغانچە ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ناكەسلىكنى ئوپۇل-توپۇل قوبۇل قىلىپ، لۇغەتلەرگە كىرگۈزۈپ قانۇنلاشتۇرۇپ قويىۋاتىمىز. دېمەك، بىزنىڭ تىل تەتقىقاتىمىز ئىملالىق خەت يېزىش ۋە مۇكەممەل توغرا تەلەپپۇزلۇق گەپ قىلىشنى خەلققە ئۆگەتمەيۋاتىدۇ، توغرىسى ئۆگىتەلمەيۋاتىدۇ. مانا بۇ بىزدە، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى تەتقىقاتىنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇش قىسمى ھېسابلىنىدىغان ئىملاشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ناچار، ئاجىز ۋە ھوسۇلسىز بولىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر، مېنىڭچە.

  ئۇيغۇرلا قەدىمدىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە نۇرغۇن يېزىق ئالماشتۇردى، بۈگۈنگىچە بىزدە تېخى ئىملا بىرلىككە كەلمەيۋاتىدۇ، ئۆزلىرى بۇ مەسىلىگە قانداق قارايلا؟ بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

  جاۋاب: ئالتە يۈز يىلدا بىر قېتىممۇ ئىملا ئۆزگەرتىش قىلمىغان چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىغا نىسبەتلەشتۈرۈپ ئېيتقاندا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئاتمىش يىلدا ئالتە-يەتتە قېتىم چوڭ ئىملا ئۆزگەرتىش قىلغانلىقى ئۇيغۇر تىل-يېزىق تارىخىدىكى بىر چوڭ تراگىدىيەدۇر. بۇ تراگىدىيەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەرسە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تىل-يېزىق كومىتېتىدىكى قىسمەن يولداشلارنىڭ كاللىسىدا ئىزچىل مەۋجۇد بولۇپ كېلىۋاتقان مەزكۇر تىل-يېزىق كومىتېتىنى «ئىملا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى» قىلىۋېلىش زېھنىيىتىدۇر. بۇ ھەقتە، مەن مۇشۇ 2014-يىل 6-ئايدا ئۈرۈمچىدە، شىنجاڭ مۇئەللىم ئېلېكترونلۇق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى شىنجاڭ يازما يادىكارلىقى تەتقىقات بازىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇرچە ۋەسىقەلەر ۋە ئاتالغۇشۇناسلىق تەتقىقاتى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا مۇنداق بىر نەچچە پىكىر-تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدۇم:

  «مېنىڭچە، بىزمۇ مىللەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئىلىم بويىچە ئىش قىلىپ، كۆز قاراش جەھەتتە، تەرسايى ئەزىملىككە خاتىمە بېرىپ، پىكىردە ئۆز ئارا مۇۋاپىق يول قويۇشىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنى ئىچىمىزگە سىڭدۈرىدىغانلا بولساق، ئاتالغۇشۇناسلىق ۋە ئىملا قائىدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىدە، نورمال، ئىلمىي ۋە نىسبەتەن مۇقىم بولغان ۋەزىيەت يارىتالايمىز، دەپ ئويلايمەن. مەن مۇشۇنداق مۇددىئادا، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تەكلىپنى كەڭ تىل ئەھلىنىڭ مۇزاكىرە ۋە مۇلاھىزىسىگە قويىمەن:

  بىرىنچى. ئاتمىش يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىغا بىر مۇدىر ئالماشسا، بىر قېتىم ئىملا قائىدىسى لۇغىتى ئىشلەپچىقىرىدىغان يامان ئادەتنى ئۈزۈل-كېسىل ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە، مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقلۇق ئورگانغا كوللىكتىپ تەكلىپ بەرسەك.

  ئىككىنچى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1997-يىل نەشىر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى»نى ئىلمىيلىك نۇقتىسىدىن قايتا قاراپ چىقساق ۋە مەزكۇر لۇغەتنىڭ سۆز-ئاتالغۇلىرىمىزنىڭ توغرا تەلەپپۇزىنى بۇزۇشقا ئۈندەيدىغان، سۆز-ئاتالغۇلىرىمىزنىڭ چولاق-سولتەكلىشىپ كېتىشىگە مەدەت بېرىدىغان پاسسىپ كۆرسەتمىلىرىگە جەزمەن خاتىمە بەرسەك.

  ئۈچىنچى. تور ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر يېزىقى ئىملاسىنىڭ چېكىنى توختىتىش ھەققىدە ئومۇمخەلق مۇزاكىرىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، توردا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئومۇمىيەتلىك پىكىر بىرلىكىگە كېلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسىنى ئەڭ ئاز ئەللىك يىل ئۆزگەرمەيدىغان قىلىپ بېكىتسەك.»

  مەن ھېلىمۇ مۇشۇ پىكىردە، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  سوئال: ئۆزلىرى پۈتۈن ئۆمۈرلىرىنى چاغاتاي ئۇيغۇرتىلىغا بېغىشلاپ مانا بۈگۈنكى كۈندە چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى ساھەسىدىكى پېشۋاغا ئايلىنىپ، مىللەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۋاتىدىلا، ئۇنداقتا چاغاتاي ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى قىسقىچە قىلىپ سۆزلەپ بەرگەن بولسىلا؟

  جاۋاب: چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دېگىنىمىز، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ چاغاتاي خانلار دەۋرىدىن بۇيانقى داۋامى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسى. چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مۇرەككەپ شەكلى (繁体形式)، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى بولسا، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان شەكلى (简化形式). دېمەكچىكى، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى بىر يېزىقتۇركى، ئۇ ئەرەب يېزىقى ئەمەس، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلاشقاندىن كېيىن، ئەرەب تىل-يېزىقى (قۇرئاننىڭ تىل-يېزىقى) ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان يۈزدە يۈز ئۇيغۇر يېزىقىدۇر.

  تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ دېسەك، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دېگىنىمىز ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرىنىڭ تىلىدۇر. بىز پەقەت چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى-يېزىقى بويىچە ساۋاتىمىزنى چىقارغان ئەھۋالدىلا، ئاندىن جاھانغا داڭقدار ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىمىزنىڭ تېكىستىنى بىمالال چۈشىنەلەيمىز، توغرا ئوقۇيالايمىز ۋە ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنالايمىز.

  يەنە دېسەك، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مۇرەككەپ شەكلى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ (بولۇپمۇ مۇسۇلمانچە ئىسىملارنىڭ) مەنە-ئۇقۇمىنى ۋە كېلىش مەنبەسىنى ئىلمىي چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان خاسىيەتلىك يېزىقتۇر. مەسىلەن سىزنىڭ ئىسمىڭىز ئالىم، پامىلىڭىز راخمان. سىز ئەگەر چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ساۋاتىغا ئىگە بولسىڭىز. ئىسمىڭىزنىڭ «ئىلىم ساھىبى» دېگەن بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ «مۇئەللىم- ئىلىم ئۆگەتكۈچ، مەلۇم- بىلىنگەن، ئايان بولغان» دېگەن كەلىمىلەر بىلەن يىتىزداش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىسىز؛ «راخمان» دېگەن پامىلىڭىزنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ئەسلىي «رەھمان» بولۇپ، تىلىمىزدىكى «رەھىم، رەھمە» قاتارلىق سۆزلەر بىلەن مەنبەداش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىسىزكى، بۇ سىز «ئالىم راخمان» بىلمىسىڭىز بولمايدىغان ئىپتىدائىي بىلىكتۇر….

  شۇڭا، دەيمەنكى، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، خۇسۇسەن زىيالىيلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنداق ئۆگەنسىمۇ بولىدىغان، ئۆگەنمىسىمۇ بولىدىغان قوشۇمچە ۋە ئىشتىن سىرتقى يېزىق ئەمەس، ئەكسىچە، ئۆگەنمىسە مۇتلەق بولمايدىغان زۆرۈر، ئەھمىيەتلىك ۋە خاسىيەتلىك يېزىقتۇر.

  مەن بۇ ھەقتە، بىر پارچە شېئىر يېزىپ، ئۇنى ئاھاڭغا سېلىپ، دەرس مارشى قىلىپ، ئوقۇغۇچى-شاگىرتلىرمغا ئۆگەتتىم. ئۇنىڭ تېكىستى مۇنداق:

  خاسىيەتلىك شۇنچە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى،

  يورۇيدۇ ئۆگەنگەنسېرى ئىنساننىڭ دىلى؛

  كى ئاڭا ئۇل باسقان مەھمۇد كاشغەرىي مەزمۇت،

  بىنا قىلىپ پۈتتۈرگەن ئەلىشىر نەۋائىي.

  «چاغاتاي تىلى» دەيدۇر ئۇنى خەلقئارادا،

  چاغاتايخانلار قىلغانلىقتىن دەۋلەت تىلى؛

  ئۇندىن بۈيۈك مەدەنىيەت ھالقىسى بولغان،

  تارىم بويى، ئورتاسىيا- پۈتكۈل تۈرك ئېلى!

  «قىسەسۇل ئەنبىيا»دۇر ئۇنىڭ باش پاسىلى،

  «يىللارغا جەۋاب»مۇ ئۇنىڭ ئېسىل ھاسىلى؛

  ئەجدادلار قوللانغان ساق ئالتە ئەسىرگىچە،

  يېزىلغان ئۇنىڭ بىلەن ئەسەرلەر نادىرى.

  ئاماننىساخان رەتلىگەن ئۇيغۇر مۇقامى،

  ئاھاڭ يارقىن تېكىست گۈزەل يوقتۇر مىسالى؛

  ئوقۇدۇق، ئوقۇيمىز ئەبەدۇل ئەبەد چۈنكى-

  ئانا تىلىمىزدۇر چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى!

  نەقرات:

  خاسىيەتلىك شۇنچە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى،

  يورۇيدۇ ئۆگەنگەنسېرى ئۇيغۇرنىڭ دىلى!

  دېمەك، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى يازغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى؛ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئاساسى. شۇنداق ئىكەن، پەقەت چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بويىچە ساۋاتىمىزنى بەلەن چىقارغان ۋاقتىمىزدىلا، ئاندىن ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئىلىمغا ئۇيغۇن ھالدىكى قوللىنىشچانلىقىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرەلەيمىز، دەيمىز.

  سوئال: ئۆزلىرى نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ كەلدىلە. شۇنداقلا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئونىۋېرسىتېتىنى تاللاپ ئوقۇشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى بولىۋاتىدىلا، ئۇنداقتا ئۆزلىرى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا بىزنىڭ مائارىپىمىزدىكى قانداق مەسىلىلەرنى بايىقىدىلا؟ ئۇيغۇر مائارىپىمىز قانداق بولۇشى كېرەك؟

  جاۋاب: بۇ ھەقتە، قىسقا قىلىپ دېسەم، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ سىياسىتىنى ئوبدان ئۆگىنىپ، قانۇن ۋاسىتەسى بىلەن ئۆزىمىزنى ۋە ئۆز مىللىي مائارىپىمىزنى قوغداشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم دەپ قارايمەن.

  ئەلبەتتە، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مائارىپ بازىلىرىمىزدىن ئۈنۈملۈك ۋە ئەپچىللىك بىلەن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەۋلادلارنى يۈكسەك ساپالىق، ھەقىقىي مەدەنىيەتلىك ۋە كەلگۈسىگە ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، مەۋجۇد ئىمكانلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەممە كۈچ ۋە بارلىق ئىقتىدارىمىزنى ئايىماي ئىشقا سېلىشىمىز لازىمدۇر…..

  8.سوئال: ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات ئەمگەكلىرى تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى مەڭگۈ ئابىدە بولۇپ قالغۇسى. ئۇنداقتا ئۆزلىرى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قايتا يۈزلەنگەنلىرىدە قايسى تەتقىقاتلىرىدىن ئەڭ مەمنۇن بولىلا؟ نېمە ئۈچۈن؟

  جاۋاب: مەن مۇشۇ يىلنى ئاتلىساق ۋە 1975-يىل خىزمەتكە قاتناشقىنىمدىن ھېسابلىساق، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى تەتقىقاتى بويىچە، ساق قىرىق يىل ئىشلىگەن بولىمەن. بۇ جەرياندا، مەن يىگىرمە پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يېزىپتىمەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مېغىزلىق بايان» (2014-يىل 9-ئاي، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، «ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى» (2005-يىل 6-ئاي، مىللەتلەر نەشرىياتى)، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» (2009-يىل 5-ئاي، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى) ۋە «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى» (1995-يىل 5-ئاي، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) دېگەن ئىلمىي تەتقىقات كىتابلىرىمدىن (ياخشى ئەجىرلىك ئەمگەكلىرىم ھېسابلاپ)، نىسبەتەن مەمنۇن بولىمەن. چۈنكى، مەن بۇ كىتابلاردا، قىرىق يىللىق ئۈزۈلدۈرمەي ئۆگىنىش، ئىزچىل ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسى بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى فونېتىكا، لېكسىكولوگىيە ۋە سىنتاكسىس جەھەتلەردىن ئەتراپلىق ۋە ئىلمىي شەرھلەپ چىقتىم؛ چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھىرى بولغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرىنى ئاشۇ 16-ئەسىردە قوللىنىلغان ئەسلىي يېزىقى ئاساسىدا، تەپسىلىي يېشىپ كۆرسەتتىم؛ ئومۇمىي ئۇيغۇر تىلى سۆزلەمشۇناشلىقى ئىلمى (لېكسىكولوگىيە) نى تۇنجى بولۇپ، نىسبەتەن مۇپەسسەل ۋە ئىلمىي تەسۋىرلەپ كۆرسەتكەن بولدۇم….

  11.سوئال: ئىش ئۈستەللىرىدە ۋە تاملىرىدا قەشقەر ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ سۈرەتلىرى بار ئىكەن، يۇرتلىرىنى چوقۇم قاتتىق سېغىنىدىلىغۇ دەيمەن؟

  جاۋاب: كۆرۈپ تۇرۇپسىزلەر مانا بۇ مېنىڭ ئىشخانام، ئوڭ قولۇم تەرەپ تامدا، يۇرتۇم كاشغەرنىڭ شەھەر نامايەندىسى بولغان ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ سۈرەتلىرى ئېسىقلىق. شۇ ھالدا، خۇددى ھېيتگاھتا ئولتۇرغاندەك تۇيغۇدا ئولتۇرۇپ ئىشلەيمەن. ھېرىپ- چارچاپ قالسام بەزىدە، كاشغەر مەدھىيەلىنىدىغان غەزەل-ناخشىلاردىن توۋلاپمۇ قويىمەن تېخى. بىرەرنى ئوقۇپ بېرەيمۇ، بولمىسا؟

  -

  قېنى، مەرھەمەت!

  (ناخشا) ھەي……………………

  تاغلار ئېشىپ، چۆللەر كېزىپ كەلدىم كاشغەرگە،

  ھەي…«مەرھابا!» دەپ ئاچتى قۇچاق ھېيتگاھ مەيدانى.

  گۈل-چېچەككە پۈركىنىپتۇ ھەر يان- ھەر يانى،

  قىلدى گۈزەل مەنزىرىلەر مېنى ھەيرانىي!

  ھەي…لەۋەن يارلار!….

  قانداق؟ پەيزىمىز بارمىكەن؟

  مۇنداق ناخشىلاردىن بىرەرنى توۋلىۋەتسەك، ھاردۇقلىرىمىز چىققاندەك بولۇپ، باشقىچە روھلىنىپ قالىمىز ۋە يەنە قايتىدىن ئىشقا چۈشۈپ كېتىمىز.

  بۇ ئارقىلىق نېمە دېمەكچىسەن؟ دېسىڭىز ئىنىم، ھەر قانداق بىر مۇساپىر ئادەم ئۈچۈن، بولۇپمۇ بىر بىلىم ئىنسانى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئانا يۇرت، ئانا ۋەتەن سۆيگۈسى، ئۆز خەلقى ۋە مىللىتىنىڭ مۇھەببىتى ئۇنىڭ ھەر بىر ئىش-ئوقىتىنىڭ چەندىكىدەك ئۈنۈم، غەلىبە ۋە نۇسرەت قازىنىشىنى ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ-قۇۋۋەت مەنبەسى، خورىماس-ئازايماس مەنىۋى ئوزۇق بۇلىقىدۇر، مېنىڭچە!

  2014-يىل، 29- نويابىر، شەنبە، بېيجىڭ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر