خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) ۋەكىل، شايار ناھىيەسى نۇرباغ يېزىسى بازار كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى ئېزىز ئەمەت مۇنداق دېدى: كەنتىمىزگە شايار ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىدىن "ئۈچ ئەل"خىزمىتى گۇرۇپپىسى خىزمەتكە چۈشتى، خىزمەت گۇرۇپپىسى كەلگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن دېھقانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش، كەنت كومىتېتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش خىزمەتلىرىنى بەجانىدىللىق بىلەن ئىشلىدى. ئۇلار كەنتىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بولسۇن، بازا قۇرۇلۇشى بولسۇن ھەرقايسى ساھەلەردە ئوخشاش بولمىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن 2015 - يىلى مايدىن باشلاپ كەنت كومىتېتى بازا قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن 700كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردى، بۇ مەدەنىيەت بازىسىدىكى مەيدان كەنتىمىزنىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن قوراللىنىش، تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، توي - تۆكۈنلەرنى قىلىشتىكى ئوبدان سەھنە بولدى. خىزمەت گۇرۇپپىسى ياردىمىدە بىز يەنە كەنتىمىزدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان 300كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى گىلەم زاۋۇتى قۇردۇق. بۇ زاۋۇت ھازىر بىر ھەقىقىي كارخانا بولۇپ شەكىللىنىپ، 50گە يېقىن ئىشسىزنىڭ ئىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىندى، ئىقتىسادىي كىرىمى ئاشتى. يېقىندا خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە يەنە بىر كىيىم تىككۈچىلىك كارخانىسى قۇرۇلۇپ، 30غا يېقىن ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئاياللارنىڭ خىزمەت مەسىلىسى ھەل قىلىندى. ئۇلار تىككەن كىيىملەر زاكاز قىلىنىپ ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئاساسلىق بازارلارغا كىردى. تۈر مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ كەنتىمىزنىڭ ئۈچ كىلومېتىرلىق توپىلىق يولىنى ماي يولىغا ئۆزگەرتىپ بەردى. يول بويىغا يەنە 100مىڭ يۈەن خەجلەپ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تەشۋىقات رەسىملىرىنى سىزدۇرۇپ بەردى. كەنتىمىزنىڭ سۇ قىس بولۇش ھالىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۈچ يەرگە سۇ توسمىسى ياساپ بەردى. پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت زالى سېلىپ، پارتىيەلىك دېھقانلارغا پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى ھەرۋاقىت بىلىپ تۇرىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردى. كەنتتىكى كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا 40توننا سېمونتنى ھەقسىز ئەكېلىپ بەردى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمى ۋە كەنت ئىككى كومىتېتىنىڭ كۈچىشىدە ھازىر كەنتىمىزدە ئىشلەيمەنلا دېسە خىزمەت تېپىلىدىغان، مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزىمەن دېسىلا سەھنە ھازىر بولىدىغان ھالەت شەكىللەندى. ئۇندىن باشقا خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە ۋە رىغبەتلەندۈرۈشىدە قۇرۇلغان ئالتە سودا دۇكىنى ۋە يېمەك ئىچمەك كارخانىسى كەنت كومىتېتى ئەتراپىدا پەيدا بولۇپ، كەنتىمىزنى تېخىمۇ ئاۋات قىلدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەشۋىقات - تەربىيەسى ۋە قول تۇتۇپ ئىشلىشىدە كەنت قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپلا قالماستىن، دېھقانلاردىمۇ تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى، ئۇلار بېكىنمىلىك ۋە ھۇرۇنلۇقنىڭ ئۆزلىرىنى تېخىمۇ نامراتلاشتۇرىدىغانلىقىنى، قانۇنغا بويسۇنۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكىنى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىنى بېيىشقا، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىدىغان توغرا يولغا باشلايدىغانلىقىنى، ئەسەبىيلىكنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىنى، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ياخشى كادىرلار ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتى.