خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) ۋەكىل، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ جاڭگال ئەسكى يېزىسى خېنىچاقا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى مۇھەممەت تۇرسۇن قاۋۇز مۇنداق دېدى: كەنتىمىزگە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدىن چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتكە كېلىپ ياتىقىغا ئورۇنلاشقاننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ئائىلە زىيارىتىگە چۈشۈپ كەتتى، ھەربىر ئائىلىگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى، دىنىي زاتلار، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، سىرتتا ئىشلەۋاتقانلار سانى قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ، كەنتىمىزدىكى 412ئائىلىنى بىر ئاي ۋاقىتتا ناھايىتى ئەستايىدىل زىيارەت قىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن باي بولۇشقا قانداق يېتەكلەش پىلانىنى تۈزدى، كەنت قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتىن كەنتكە ئۈچ كىلومېتىرلىق سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساپ، كەنتنىڭ سۇ قىس بولۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلدى. كەنتىمىزدە ئۆتىدىغان بىر يوللا ماي يولى بولۇپ، قالغان مەھەللىلەر ئارا تۇتىشىدىغان يول توپىلاڭ يول ئىدى، خىزمەت گۇرۇپپىسى تۈر مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ بۇ يوللارنى ماي يولىغا ئۆزگەرتىپ بەردى، كەنتىمىزنىڭ يوللىرى ياخشىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى تېخىمۇ ياخشى بولدى، مۇھىت ياخشىلاندى. كەنتىمىزدىكى 1980 - يىلىدىن، 1990 - يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئىشسىزلارغا بولغان كەسپىي تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتتى، ناھىيەدىكى كارخانا، زاۋۇتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى. كەنت قىياپىتىدە ئۆزگىرىش ياسىدى، كەنت كومىتېتىمىزنىڭ ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ھالىتىنى ئۆزگەرتىشتە كۆپ كۈچىدى، كەنت رەھبەرلىك كوللېكتىپىغا بولغان پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى قاتارلىقلاردىن بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىپ، كەنت ئىككى كومىتېت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتتى. مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. "قاغىلىق سەنىمى"، "كىچىك ئالمىچاق ئۇسسۇلى"ئويناش قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتتى. كەنت كومىتېتىغا ۋاسكېتبول، ۋالىبول، ئارقان تارتىش، تىكتاك توپ قاتارلىق ھەرخىل تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ، ياشلارنىڭ بىكار بولسىلا كېلىدىغان، كەلسە خېلى كەچتە كېتىدىغان ھالىتىنى شەكىللەندۈردى. تاماق، ياتاقتا كەنتتىكىلەر بىلەن بىرگە بولۇپ، ئالاھىدە بولۇۋالماي، ئامما بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇپ، قېرىنداشلارچە مېھرى - مۇھەببەت ئورناتتى. كەنتىمىزدىكى دېھقانلار خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ناھايىتى مەمنۇن.