خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) ۋەكىل، نىيە ناھىيە نىيە بازار لەمپە كەنتىدىكى دېھقان مەڭلىك مەتتوختى مۇنداق دېدى: كەنتىمىزگە ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن "ئۈچ ئەل"خىزمىتى گۇرۇپپىسى چۈشتى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كەنتتىكىلەرگە قىلىپ بەرگەن تۇنجى ئىشى كەنت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن كۈچىشى بولدى، يەنى كەنتىمىز يول بويىغا جايلاشقان، مۇشۇ ئەۋزەللىكنى كۆزدە تۇتۇپ 1مىليون 400مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ كەنتىمىزدە ماددىي ئەشيا ئوبوروت مەركىزى سېلىپ بەردى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ياسىدى، دۇكان سېلىپ ئىجارىگە بېرىپ، كىرگەن كىرىمنى كەنت كومىتېتىغا تاپشۇردى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۆزلىرىنى بىزمۇ نىيەلىكلەر دەپ، كەنتىمىزنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆز يۇرتىدەك، ياتاقلىرىنى ئۆز ئۆيلىرىدىكىدەك كۆرۈپ، ئاسانلا كۆنۈپ كەتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت كومىتېتى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ رولىدىن چوڭقۇر پايدىلىنىپ، ئىتتىپاق ئەزالىرىغا بولغان تەشۋىق تەربىيە ۋە يېتەكچىلىكىنى چىڭ تۇتتى. ئۆيلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا بىر خىل پىلان تۈزۈپ چىقتى، باي بولۇش نۇقتا نىشانىنى بەلگىلىدى ھەمكارلىق سودا كوپىراتىپى قۇرۇپ، چارۋىچىلىق ئارقىلىق باي بولۇشقا يېتەكلىدى. بۇرۇن كەنتىمىزدە يىغىن ئېچىلسا ياز، قىش بولسۇن داق يەردە ئولتۇرۇپ ئاڭلايدىغان، ھازىر ئۇلارنىڭ ياردىمىدە 200كىۋادرات مېتىرلىق يىغىن زالى سېلىندى، ئورۇندۇقلار قويۇلدى، ياڭراتقۇلار قويۇلدى، ئېكرانلار ئېسىلدى، قىشتا پار بار بولدى، بىزمۇ توڭلىمايدىغان، كۆرمىگەننى كۆرۈپ، يېڭىلىقلاردىن ھەر ۋاقىت خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىغان بولدۇق. كەنتىمىز ئەتراپلىرىدا قۇرۇلۇۋاتقان زاۋۇت كارخانىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتىمىزدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىگە ھەقسىز كەسپىي تەربىيەلەش ئېلىپ باردى. دېھقانلارنى يەر بىلەنلا باغلىنىپ قالماي سانائەتلىشىشكە، سانائەت كارخانىلىرىغا بېرىپ ئىشلەشكە دەۋەت قىلدى ۋە يول باشلىدى. كەنتىمىزدە 1200دىن ئارتۇق نوپۇس بار، كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىم 7مىڭ 500يۈەندىن ئاشىدۇ، خىزمەت گۇرۇپپىسى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن تەشۋىقات - تەربىيەنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار كەنتىمىزدە يولغا قويغان ئېكولوگىيەلىك ئورمانلىق، ئورگانىك چىلانزارلىق، نىيە قويى تۈرلىرى، تېز ئۈنۈملۈك تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ باي بولۇش قەدىمىنى تېزلەتتى. ئۇندىن باشقا ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چىڭ تۇتتى، ياشلارغا، ئاياللارغا ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ نېمىلىكى، ئۇنىڭ ئىپادىسى، زىيىنى قاتارلىقلارنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن سۆزلەپ، ئۇلارنى قانۇنغا بويسۇنۇپ، توغرا يول تۇتۇپ، توغرا يولدا باي بولىدىغان ياراملىق ئادەم بولۇشقا يېتەكلىدى. دېھقانلارغا كەچلىك تەربىيەلەش سىنىپلىرىنى ئېچىپ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئاشۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى يولداش ئادىل ئوبۇل كەنتىمىزگە ئىككى قېتىم كېلىپ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئېتىزدا دېھقانلار بىلەن بۇغداي ئورىدى، خامان تەپتى، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلاردىن جان - دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ياخشى كادىر بولۇشنى تەلەپ قىلدى.