خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مۇكاپات ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 34سانتىمېتىر كېلىدىغان، كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ھەممەيلەن ئېرىشىشكە ئىنتىزار بولىدىغان مۇكاپاتتۇر. ۋاھالەنكى، ۋالىلداپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىلا ھەقىقىي ئالتۇن ئەمەس. جىلۋىلىنىپ تۇرغان تاشقىي قىياپىتى ئىچىدە ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ كىشىلەر بىلمەيدىغان بىر مۇنچە مەخپىيەتلىكلىرى ساقلانغان.
ئىسپانىيە «دۇنيا گېزىتى»نىڭ 14-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، مۇكاپات تارقىتىش نەق مەيدانىدا چاقنىغان چىراغلار، ھەر قايسى چولپانلارنىڭ ھەشەمەتلىك كىيىملىرى، سەھنىدىكىلەرنىڭ شادلىقى ۋە پەستىكىلەرنىڭ يالغاندىن كۈلۈشىدىن باشقا، بۇ يەردە يەنە ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيەنىڭ كۈچلۈك سوقۇلۇشىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.