باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«ئۈچ ئەل»پائالىيىتى ئەل قەلبىنى مايىل قىلدى(2)

2016.01.18 16:50   مەنبە: خەلق تورى

«ئۈچ ئەل»پائالىيىتى ئەل قەلبىنى مايىل قىلدى(2)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى چىرا يېزىسى باش ئۈجمە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى، ئاھالە كومىتېتى مۇدىرى مۇھەممەتئىبراھىم مەمتىمىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭدا "ئۈچ ئەل"خىزمىتى پائالىيىتىنى يولغا قويغان ئىككى يىلدىن بۇيان كادىرلار چۈشكەن ئاساسىي قاتلامدا يەنى كەنت قىياپەتلىرىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، بىزنىڭ كەنتىمىزگە ئاپتونوم رايونلۇق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە گۇرۇھى مەبلەغ سېلىش شىركىتىدىن كادىرلار چۈشتى، كادىرلار مارتتا ئىشقا چۈشۈپلا ئالدى بىلەن دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىغا ياردەم قىلىپ، 20توننا خىمىيەلىك ئوغۇتنى كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ قولىغا يەتكۈزدى، كەنت كومىتېتى قورۇسىغا تال جازىسى ياساپ قورۇنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇردى. ئاۋغۇستتا چارۋىچىلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 10توننا تۇز ئەكېلىپ دېھقان-چارۋىچىلارغا تارقىتىپ بەردى. ياشلارنى مەنىۋى - مەدەنىيەت جەھەتتىن يېتەكلەش، پارتىيە ئەزالىرىنى يىراق مۇساپىلىك تەربىيەلەش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۈچۈن كەنتكە بىر پرويىكسىيە ئاپپاراتى، يۈرۈشلۈك ياڭراتقۇ ۋە سەككىز يۈرۈش كومپيۇتېر بار "قىزىل تورخانا"بەرپا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ياشلار ساغلام، قانۇنلۇق تور مەزمۇنلىرىدىن، تۈرلۈك باي بولۇش ئۇچۇرلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى. 60ياشتىن ئاشقانلارغا 20مىڭ يۈەنلىك داۋالاش ئۈسكۈنىسى سوۋغا قىلدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە 500مىڭ يۈەنلىك تۈر مەبلىغى ھەل قىلىنىپ، كەنتنىڭ ئىككى يېرىم كىلومېتىرلىق يولى ئاسڧفالىتلاشتۇرۇلدى. كەنتىمىز يېزىمىزدىكى بىردىن بىر ئاسڧفالىتلىق يولى بار كەنت بولۇپ قالدى. خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە تۈرلۈك ھېيت، بايراملاردا كەنتىمىزدىكى "تۆت پېشقەدەملەر"، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئۇن، ماي، گۈرۈچ، پۇل قاتارلىق ياردەملەرنى بېرىپ ئىللىقلىق يەتكۈزدى. ھەر بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى كادىرىنىڭ بىردىن ئۇيغۇر دوپپىسى بار، ئۇلار كەنتتىكى توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىملەرگە ۋاقتىدا، تەڭ قاتنىشىپ، ئۆز كۆڭلىنى بىلدۈردى. ئاپتوموبىللىرىنى توي تۆكۈنلەردە نەرسە ئەكېلىش، توي يۆتكەش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىپ ياردەملەشتى. كەنتتىكىلەرگە بىر تەرەپتىن خەنزۇ تىلىنى ئۆگەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن دېھقانلاردىن ئۇيغۇرچە ئۆگەندى، بۇنىڭلىق بىلەن ئارىلىق قىسقاردى، مۇھەببەت چوڭقۇرلاشتى. كەنتىمىزنىڭ 2015 - يىلى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىمى 5مىڭ 800يۈەن، بىزدە ئاساسلىقى چىرا ئانىرى ۋە چىرا قارا قويى چىقىدۇ، خىزمەت گۇرۇپپىسى بىزنىڭ بۇ ئىككى داڭلىق مەھسۇلاتىمىزنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە ياكى كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاش، كەنتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئۇلار كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر دېھقان - چارۋىچىلار بىلەن خۇددى گۆش بىلەن ياغدەك، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك چىن قېرىنداش بولۇپ كەتتى. ئۇلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى بىر ئابىدىنى تىكلىدى. كىچىك بالىلار كادىرلارنىڭ ئىشخانا ياكى ياتاقلىرىغا كىرىپ ئۇلار بىلەن ئوينايدىغان، كادىرلار ئۇلارنى كۆرسە كەمپۈت بولامدۇ، ئوقۇش قوراللىرىنى بولامدۇ، ئىشقىلىپ ئامراقلىقىدىن ئۇلارنى قۇرۇق يولغا سالمايدۇ. ھازىر 2 - نۆۋەتلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆز خىزمىتىنى تاماملاش قايتماقچى بولۇۋاتىدۇ، لېكىن كەنتتىكىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان مۇھەببىتى ناھايىتى چوڭقۇر بولغاچقا، دېھقان چارۋىچىلار ئۇلارنىڭ داۋاملىق قېلىپ خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، بەزىلىرى تەكلىپىنى يېزىغىچە يەتكۈزدى. قوشنا كەنتلەردىكى دېھقانلارمۇ كەنتىمىزدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى كادىرلىرىنى بالىلىرىغا ئىسىم قويۇش، خەتنىسى قىلىش قاتارلىق مۇراسىملارغىمۇ تەكلىپ قىلغانلار بار. ۋىلايەتلىك پارتكوم ناھىيەمىزنى 2019 - يىلى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايدىغان ناھىيە قىلىپ بېكىتتى، خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىزگە ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچەپ ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەممە ئىشتا باشقىلارغا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىدا، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىمىز.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…