خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) ۋەكىل، ئاقتۇ ناھىيەسى ئۈجمە يېزىسى قونساق كەنتىدىن كەلگەن رەيھانگۈل ئىمىر مۇنداق دېدى: كەنتىمىزگە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن "ئۈچ ئەل"خىزمىتى گۇرۇپپىسى چۈشكەن، خىزمەت گۇرۇپپىسى خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسلىقى كەنتىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كەنت ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشكە قاراتتى. كەنتتىكى دىنىي زاتلار بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن ئاممىغا ئەسەبىيلىكنىڭ نېمىلىكىنى، قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى، زىيىنىنى، توغرا يولنىڭ نېمىلىكىنى سۆزلەتكۈزدى. ئاپتونوم رايوننىڭ تېز ئۈنۈملۈك تۈرىنى قانداق قىلىپ ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقانلارنىڭ باي بولۇش قەدىمىنى تېزلەتتى. كەنتتە بەش خىل مېتال دۇكىنى قاتارلىق سودا دۇكانلىرى ئېچىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتتى، ئاممىغا تېخىمۇ قولايلىق ئېلىپ كەلدى. يوللار ياسىلىپ، دېھقانلار توپىلىق يولدىن خوشلاشتى. ئۇلار يەنە كەنتنىڭ ئىچىملىك سۈيى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئائىلىلەرگە تۇرۇبا سۈيى كىرىشىگە سىياسەت جەھەتتىن ياردەم قىلدى. ئىشقىلىپ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمى كۆپ، خەلق ئاممىسىنىڭمۇ ئۇلارغا بولغان رەھمىتى كۆپ، ئۇلارنى ھەقىقىي تۈردە خەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزلىرىگە مايىل قىلدى دېيىشكە بولىدۇ.