باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

قىزىل ھاراق ئاياللارنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ

2016.01.27 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:غەربلىكلەر قىزىل ھاراقنى چۈشلۈك تاماقتا كەم بولسا بولمايدىغان ئىچىملىك دەپ قارايدۇ. قىزىل ھاراق تەبىئىي ئىچىتىلغان مېۋە ھارىقى بولۇپ، تەركىبى ناھايىتى ئاددىي. تەركىبىدە ئەڭ كۆپ بولغىنى ئۈزۈم شىرنىسى بولۇپ%80دىن يۇقىرى تەركبنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا ئۈزۈم ئىچىدىكى قەنت ماددىسىنىڭ تەبىئىي ئېچىشىدىن ھاسىل بولغان ئىسپىرت، ئادەتتە 10%دىن 30%غىچە ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قىزىل ھاراق تەركىبىدە يەنە تارترات كىسلاتاسى، مېۋە يېلىمى، مىنېرال ماددا ۋە تاننىك كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار. گەرچە بۇ ماددىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى بولمىسىمۇ، ھاراق سۈپىتىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىدا ھەل قىلغۇچ ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. قىزىل ھاراق بىر خىل ئىسپىرتلىق ئىچىملىك سۈپىتىدە، تائاملارغا تەم قوشۇپلا قالماي، بەلكى يەنە سالامەتلىكنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.

  1. مىكروبنى ئۆلتۈرىدۇ زۇكام بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىك، لېكىن قىزىل ھاراق تەركىبىدىكى ئانتىبىئوتىك ماددا تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ. زۇكام بولۇپ قالغاندا بىر ئىستاكان ئىسسىق ئۈزۈم ھارىقى ياكى بىر ئىستاكان قىزىل ئۈزۈم ھارىقىنى ئىچكەندە زۇكامغا شىپا قىلىدۇ.

  2. قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ ئۈزۈم ھارىقى تەركىبىدە شېكەر، ئامىنو كىسلاتاسى، ۋىتامىن، مىنېرال ماددا قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ۋە ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان، بەدەن بىۋاسىتە سۈمۈرەلەيدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بار. بولۇپمۇ تېنى ئاجىز ۋە كېسەلچان كىشىلەر ئۈزۈم ھارىقى ئىچىشنى ئادەت قىلىپ يېتىلدۈرسە بولىدۇ. چۈنكى دائىم مۇۋاپىق مىقداردا ئۈزۈم ھارىقى ئىچىپ بەرسە، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. ئۈزۈم ھارىقىتىكى فېنول خىلىدىكى ماددىلار ۋ ئېلمىنتلارنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار، ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار.

  3. ئىشتىھانى ياخشىلايدۇ قىزىل ھاراقنىڭ ئىشتىھانى ياخشىلىشقا ياردىمى بار. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر چۈشلۈك تاماقتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن قىزىل ھاراق ئىچىدۇ.

  4. ئورۇقلىتىدۇ ھەر لىتىر قۇرۇق ئۈزۈم ھارىقىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى 525 كالورىيە، بۇ خىل ئۈزۈم ھارىقىنى بەدەن بىۋاسىتە سۈمۈرىدۇ . 4 سائەت ئىچىدە پۈتۈنلەي خورايدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرمايدۇ.(مەلىكەم)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر