قەشقەرنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسى ئاچقان بىر ئاشخانا باركەن دەپ ئاڭلىغان بېيجىڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنىمىز بولغاچقا، ئۇ كۈنكى كەچلىك تاماقنى شۇ يەرگە بېرىپ يەپ كەلمەكچى بولدۇق. مېتروغا چۈشۈپ بىر نەچچە بېكەت مېڭىپ بۇ ئاشخانىنى ئوڭايلا تاپتۇق. تاماقلىرىمۇ يامان ئەمەس ئىكەن. تاماقنى يەپ بولۇپ ياتاققا قايتتۇق.شۇنداق قىلىپ بېيجىڭدىكى ئۆگىنىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ 16-چىسلا ئەتىگەندە ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچتۇق.