14-چىسلا چۈشتىن بۇرۇن پىلان بويىچە جۇڭگو فوتوگىرافىيە كۆرگەزمەخانىسغا بېرىپ ئىكىسكۇرسىيەدە بولدۇق، بۇ زال سىرتقا ئېچىۋىتىلگىنىگە تېخى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ئىكەن، بىز دەسلەپكى ئىكىسكۇرسىيەچىلىرى ھېسابلاندۇق، بۇ كۆرگەزمىخانا بولۇپلا قالماي، فوتوگرافىيە مۇزېيى دېسەك ئوشۇق كەتمەيدىكەن. ئىچىدە دۇنيا ۋە جۇڭگو فوتوگىرافىيە تارىخىدىكى ھەر خىل ئاپپاراتلار، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى، ھەر خىل باسما بۇيۇملار تىزىقلىق ئىكەن، كۆرگەزمە رايونىدا رەڭلىك، رەڭسىز بولۇپ 200~300 پارچىدەك سۈرەت ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر فوتوگرافلار تارتقان يۇرتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرمۇ بار ئىكەن، بىر قانچىسىنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم.
15-چىسلا لى يىڭجىي مۇئەللىم ساۋاقداشلارنىڭ بېيجىڭدا ياكى ئۆز يۇرتىدا تارتقان ئەسەرلىرىگە باھا بەردى. ئوقۇغۇچىلار تارتقان سۈرەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كەمچىلىكلىرىنى كۆرسۈتۈپ بەردى. ئۇ باھا سۆزى بەرگەندە ئەگەر مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇش مەقسىتىدە سۈرەت تارتماقچى بولسىڭىز، مەنزىرە سۈرەتلەرنى ئاساس قىلماڭلار، چۈنكى باھالىغۇچىلارنىڭ كۆزى مەنزىرە سۈرەتلەرگە تويۇنۇپ كەتتى، بىر قاراشتىلا باھالىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىيالايدىغان، باشقىلار تارتىپ باقمىغان ياكى، تارتىش نۇقتىسى ئۆزگىچە بولغان سۈرەتلەر مۇكاپاتقا ئاسان ئېرىشىدۇ. دېدى. ئەگەر سىز تارىخنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن تارتسىڭىز شۇ تارىخى دەۋرنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئادەم ۋە ئادەملەرنىڭ ئىش ھەركىتىنى كۆپرەك تارتىڭ، سۈرىتىڭىزگە ئالدىراپ باھا بەرمەڭ، بۈگۈن يارىمسا ئەتە ياراپ قىلىشى مۈمكىن، سىزگە يارىمىغاندەك قىلغىنى بىلەن ماڭا ياراپ قېلىشى مۈمكىن، ئەگەر سودا ساھەسىدە سۈرەتكە تارتماقچى بولسىڭىز خېرىدارلىرىڭىز رازى بولغۇدەك تارتسىڭىزلا بولىدۇ. دېدى.