چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋە تاماق ۋاقتى ئاران بىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئىدى، ئەتىسى بىز داۋاملىق ئاشخانا ئىزدەش كويىدا، نىڭشيادىن كەلگەن ساۋاقداشلار يېقىن ئەتراپتا بىر خۇيزۇ ئاشخانىسىنىڭ بارلىقىنى ئىيتتى، تاكسىغا ئولتۇرۇپ باردۇق، ئارىلىقىمۇ خېلى يېقىندەك تۇراتتى، تاماقنى يەپ بولۇپ، يەنە تاكسىدا يېنىپ كەلدۇق، تاكسىچى بىزنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەنلىكىمىزنى ئۇقۇپ، سىلەر نېمىشقا يېقىن يەردىكى ئۆزۈڭلارنىڭ يۇرتلۇقۇڭلار ئاچقان ئاشخانىغا بارمايسىلەر دەپ يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئادرېسنى دەپ بەردى. ئەتىسى شۇ دېگەن ئادرېس بويىچە ئىزلەپ تاپتۇق، راستىنلار قەشقەرلىكلەر ئاچقان ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئىكەن، پىيادە بېرىپ كېلىشكە يېرىم سائەتتەك ۋاقىت كېتەتتى. تاماق تەملىرىمۇ يامان ئەمەس، مانا ئەمدى تاماق مەسلىمىزمۇ ھەل بولغان بولدى.
كېيىنكى كۈنلىرى چىن داتاڭ مۇئەللىم «فوتوگرافىيە ئىستېكىسى»، شۈ شىجەن مۇئەللىم «فوتوگرافىيە ئىجادىيەت ماھارەتلىرى»، چېڭ تىيېلياڭ مۇئەللىم «مەخسۇس تېمىدا سۈرەت تارتىش» چېڭ ۋىيدوڭ مۇئەللىم «ئىنسان خاتىرە فوتوگرافيسى»، جىن يوڭچۈەن مۇئەللىم «سۈرەت تەھرىرلەش»، چى فېڭچېن مۇئەللىم «مەنزىرە سۈرەت تارتىش توغرىسدا» قاتارلىق دەرسلەرنى سۆزلەپ بەردى.