قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مىللىيچە كېيىم –كېچەكلىرىمزنى كېيىپ مېھمانخاننىڭ بىرىنجى قەۋىتىدىكى زالغا يىغىلدۇق، خەنزۇ، ئۇيغۇر، تىبەت، مۇڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق 17 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان 50 نەپەر ئوقۇغۇچى بۇ مەيداندا ھازىر بولدۇق. پاھ، پاھ نېمە دېگەن گۈزەل كۆرۈنۈش ـ ھە؟ ئادەتتىكى كىيىم بىلەن مۇنداقلا كۆرۈنگەن كىشلەر ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كېيىم –كېچەكلىرى بىلەن شۇنداق كېلىشكەن، چىرايلىق كۆرۈنۈۋاتاتتى. زالنىڭ ئىچى خۇددى رەڭگارەڭ گۈلگە پۈركەنگەن باغچىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. بىز ھاياجان ئىلكىدە ئاپپاراتلىرىمىزنى ئېلىپ سۈرەتكە تارتىشقا باشلىدۇق.
جۇڭگو فوتوگرافلار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياۋ دەرس باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
سائەت 1:30 مۇ بولدى، كۇرسىنىڭ دەرس باشلاش مۇراسىمىمۇ باشلاندى. جۇڭگو فوتوگرافلار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياۋ دەرس باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى.
بۇ قېتىمقى كۇرس بولسا جۇڭگو ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر فوندىي جەمئىيتىنىڭ ياردىمى، جۇڭگو فوتوگرافلار جەمئىيتنىڭ تەشكىلىشى، جۇڭگو فوتوگرافلار جەمئىيتى مائارىپ كومىېتىتى ۋە بېيجىڭ فوتوگرافىيە بويىچە سىرتتىن تەربىيلەش ئىنىستىتوتىنىڭ ئۆز ئۈسىتىگە ئېلىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان «ئاز سانلىق مىللەتلەر فوتوگرافىيە ساھەسىدىكى ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيلەش قۇرۇلۇشى» ھېسابلىنىدۇ. دەرس مۇددىتى 10 كۈن.
بۇ 10 كۈن ۋاقىتنىڭ يەتتە كۈنىگە نەزەرىيە دەرسى، ئىككى كۈنىگە سىرتتا پىراكتىكا سۈرەت تارتىش دەرسى، يېرىم كۈنىگە جۇڭگو فوتوگرافىيە كۆرگەزمە زالىنى ئېكىسكۇرسيە قىلىش، ئاخىرقى يېرىم كۈنىگە بولسا ئوقۇش پۈتتۇرۈش مۇراسىمى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.