جەدۋەلنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ تولدۇرۇشقا باشلىدىم،جەدۋەلگە ئۆزەمنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىم، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تارتقان فوتو ــ سۈرەتلىرىمىدىن سەككىز پارچە قاتارلىق مەزمۇنلارنى تولدۇرۇپ بولدۇم، ئاخىرقى مەزمۇن بولسا ئۆزىمىزنىڭ فوتوگرافلىققا ئائىت 800 خەت ئەتراپىدا ماقالە تاپشۇرۇشىمىز شەرت ئىكەن. بۇرۇن فوتوگرافلىق توغرىسدا ئۇزۇنراق ماقالە يېزىپ باقماپتىكەنمەن، ئويلا ئويلا، ئاخىرى يېقىندا قىزىقىپ قالغان يېقىن ئارىلىقتا كىچىك جىسىملارنى سۈرەتكە ئېىلىش توغرىسدا ماقالىدىن بىرنى پۈتكۈزدۈمدە قوشۇپ رەئىس باۋدىغا ئەۋەتىپ بەردىم.