ئىككىنچى كۈنىدىكى دەرس «رەقەملىك ئاپپارات مەشغۇلاتى» بولۇپ، بۇ دەرسىنى بېيجىڭ فوتوگرافىيە بويىچە سىرتتىن تەربىيلەش ئىنىستىتوتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك فوتوگراف شۈ شىجەن ئەپەندى سۆزلەپ بەردى. دەرس ۋاقتىدا سۆزلەپ بەرگەن ھېكايىدىن ئىككىنى دەپ بېرەي: بىر ياز كۈنى شۈ مۇئەللىم سىرتتا دوستلىرىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقاندا چاقماق ئىشلىتىپ تارتىپتۇ، يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ياش بالا بۇنى كۆرۈپ قىلىپ مەسخىرە ئارىلاش:- تاغا ئاۋۇ چاقماق چىراغنى ئېتىۋېتىڭ، نۇر شۇنداق كۈچلۈك تۇرسا، دەپتۇ. شۈ مۇئەللىممۇ چاندۇرماي:- رەخمەت، ئۇنتۇپ قاپتىمەن. دەپ كۈلۈپ قويۇپتۇ. ئەمەلىيەتتە نۇر پەرقى قانچە كۈچلۈك بولسا چاقماق چىراقنى يورۇتۇش شۇنچە زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. يەنە بىر قېتىم شۈ مۇئەللىم باغچىدا سەيلە قىلىۋاتسا ئالدىدا بىر جۈپ ئېگىز پەس ئاشۇق مەشۇق تازا بىر بىرىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقۇدەك ، ئوغۇلبالا خېلى ئېگىز ، قىزبالا پاكارراق ئىكەن، قارىسا ئوغۇل بالا ئۇيانغا ئۆتۈپتۇ بۇ يانغا ئۆتۈپتۇ:- ھەييى، سىز پاكار چىقىپ قالىدىكەنسىز، ئاۋۇ يەردە تاشتىن بىرسى تۇرىدۇ، ئەكىلەي پۇتىڭىزغا قويۇۋىلىڭ ، دەپ تەمشىلىپ تۇرىشغا ، شۈ مۇئەللىم شەرەت بىلەن:-ئېڭىشىڭ، ئېڭىشڭ. دەپتۇ. باشتا ئاڭقىرالمىغان يېگىت، شۈ مۇئەللىم يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن نېمە دېگەنلىكىنى ئاندىن چۈشىنىپتۇ. شۇڭا سۈرەت تارتقاندا مۇھىتنى ئۆزىمىزگە بوي سۇندۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولماي، بىز مۇھىتقا ماسلاشساقمۇ ياخشى سۈرەت چىقىدۇ دېمەكچى.