ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ ناشتا قىلىپ بولۇپ، ئىككىمىزدىن باشقا شىنجاڭدىن كەلگەن قىرىنداشلارنى سۈرۈشتۈردۇق. قالغان ئۈچەيلەن بولسا شىنجاڭ گېزىتىدىن سېرىك نۇردىباي، غۇلجا شەھەرلىك ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن ئەسقەر مىجىت ۋە ئاقسۇ شايار ناھىيەلىك ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن ۋاڭ جىيەنبو قاتارلىقلار ئىكەن. بىز بىر قۇر تونۇشۇپ چىققاندىن كېيىن، تۆتىمىز ياتاق ئەتراپىدىن مۇسۇلمانچە ئاشخانا ئىزلەشكە باشلىدۇق. ئەتراپتا ھىچ مۇسۇلمانچە ئاشخانا باردەك قىلمايتتى، سائەتمۇ 10دىن ئاشقان ئىدى، چۈشتىن كېيىنكى دەرس باشلاش مۇراسىمى 1:30 دە باشلىناتتى، شۇڭا مەن يىراقراق بولسىمۇ ئۆزەمگە تونۇشلۇق بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىيجىڭدىكى ئىش بىجىرىش ئورنىغا جايلاشقان ئاشخانىغا باشلاپ ئاپاردىم، يول يۈرۈشكىلا بىر سائەتكە يېقىن ۋاقىت كەتتى، تاماقنى بۇيرۇتۇپ چاقماق تېزلىكىدە يەۋىتىپ قايتتۇق. خۇداغا شۈكرى ۋاقتىدا قايتىپ كەلدۇق.