چۈشتىن كېيىن يەنە بىر تار كوچىغا باردۇق، بۇ تار كوچىغا كوڭزى ئىبادەتخانىسى جايلاشقان بولۇپ ، مېنى جەلپ قىلغىنى بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئىشكىگە 50 مېتىرچە كېلىدىغان ئىككى تەرەپكە ئاتتىن چۈشۈش ئابىدىسى تىكلەكلىك ئىكەن، بۇ ئابىدىدە ئەينى چاغدىكى 5 چوڭ مىللەتنىڭ يېزىقىدا "بارچە مەنسەبدار كىشلەر بۇ يەردە ئاتتىن چۈشۈڭلار" دېگەن خەتلەر ئويۇقلۇق ئىكەن، ئەلۋەتتە ئۈستىدە ئۇيغۇرچە (چاغاتاي تۈركچىسى) تۇراتتى .چوڭ كىچىكلىكى ھەممە يېزىقنىڭ باراۋەر ئىكەن. تار كوچىلارنى ئايلىنىپ ھېرىپ ــ چارچاپ ياتاققا قايتتۇق.