دەرستە ئالدى بىلەن بېيجىڭ كىنوچىلىق ئىنىستىتوتىنىڭ دوتسېنتى جۇ جيۇڭ مۇئەللىم دۇنيا فوتوگرافىيە تارىخى ۋە جۇڭگو فوتوگرافىيە تارىخى توغرىسدا دەرس سۆزلىدى. دەرسىنى چۈشتىن كېيىن باشلىغاچقا، كەچلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ چۈشتىن بۇرۇنقى ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسنىمۇ سۆزلىدى.
دەرستە دۇنيادىكى تۇنجى پارچە سۈرەت 1826-يىلى فىرانسىيەلىك كەشپىياتچى كۈن نۇرىدىن پايدىلىنىپ تەسۋېر ھاسىل قىلىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەنلىكى، تۇنجى فوتو ئاپپاراتنىڭ 1839-يىلى فىرانىسيەدە بارلىققا كەلگەنلىكى، فوتو سۈرەتچىلىكنىڭ جۇڭگوغا ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن باشلاپ كىرگەنلىكى قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلەندى.