12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا فوتوگرافلار جەمئىيتىمىزنىڭ رەئىسى باۋدى تېلېفون قىپتۇ، بىر خوشخەۋەر بار دەپ، ھە قانداق خۇش خەۋەر دېسەم، بېيجىڭغا بېرىپ فوتوگرافلىق كەسپىي بويىچە تەربىيلىنىدىغانغا شىنجاڭغا بەش سان بېرىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاساس قىلىدىكەن، شۇڭا مېنى تەۋسىيە قىپتۇ، بىر جەدۋەلنى تولدۇرۇپ ئەۋەتىپ بېرىشىمنى دېدى.