5-يانۋار چۈشتە قەشقەردىن يولغا چىقتۇق. ئايروپىلان ئۈرۈمچىگە چۈشكەندە ئۈرۈمچىدە لەپىلدەپ قار يېغىپ تۇراتتى. قار كۈچىيشكە باشلىدى ئەسلىدە ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا نەچچە ئون مىنۇتلا توختاش پىلانلانغان ئايروپىلان قار سەۋەبىدىن 4 سائەتتەك كېچىپ ئۇچتى، يېرىم كېچە سائەت 1:30 لار ئەتراپىدا بېيجڭغا قوندۇق. بۇ قېتىمقى كۇرس ئىشلىرىغا مەسئۇل يولداش بىزنى مېھمانخانىدا ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ، بىزدىن ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن ھازىر ياخشى ئارام ئېلىشىمىزنى بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمنىڭ ئەتىسى چۈشتىن كېيىنگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.