11-چىسلا، لى يىڭجىي مۇئەللىمنىڭ باشچىلىقىدا بېيجىڭ قەدىمىي تار كوچىسغا بېرىپ پىراكتىكا سۈرەت تارتىش پائالىيتى ئېلىپ باردۇق. بېيجىڭ تار قەدىمىي تار كوچىلىرى ئادەمنى ئۆزىگە ئىنتايىن جەلىپ قىلىدىغان بولۇپ، كونا بېيجىڭنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمىزغا كېلەتتى. بۇرۇن بىېجىڭغا كەلگەن بولساممۇ، بۇ تار كوچىلارغا كەپ باقماپتىكەنمەن، بۇ قېتىم رەسمىي بېيجىڭغا كەلگەندەك بولدۇم. كوچىلاردا، تەپكۈچ ئويناۋاتقان ياشلارنى، سەي كۆكتات سېتىۋاتقان كىچىك دۇكاندارلارنى، ئاپتاپ سۇنغىلى چىققان ياشانغان مومايلارنى، ۋە ھەر خىل ھۈنەرۋەنلەرنى ئۇچراتتىم. ئەپسۇسكى بۇ كوچىلارنىڭ بىر قىسمى چىقىپ ئۆزگەرتىش گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ.