31-چىسلا كەچقۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق فوتوگرافلار جەمئىيتىدىن تېلېفون كەلدى، 5-چىسلاغا ئۈلگۈرۈپ بېيجىڭغا بېرىپ تېزىمغا ئالدۇرۇشۇمنى ھەمدە ئۆز مىللىتىمىزنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى بىللە ئېلىۋىلىشمىز لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.ئىچمدە خۇش بولدۇم ھەمدە تورغا چىقىپ دەرھال ئايروپىلان بېلىتى زاكاس قىلدىم. بىر ئازدىن كېيىن يەكەندىن نۇردۇن ئابدۇسەمەت تېلېفون قىپتۇ، ئاپتونوم رايوندىن تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭمۇ بېيجىڭدىكى ئۆگىنىشكە بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ، نۇردۇن ئابدۇسەمەت بىلەن خېلى بۇرۇندىن تونۇشىمىز ھەمدە سەپەرلەردە بىللە بولۇپ خېلى چىقىشىپ قالغان ئىدۇق، سەپەردە مۇشۇنداق بىر تونۇشۇمنىڭ بولغانلىقىدىن خۇش بولدۇم.