12-چىسلادىكى پائالىيەتمۇ لى يىڭجىي مۇئەللىمنىڭ يىتەكلىشىدە تىيەن ئەنمېن مەيدانىدا بولدى، بۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار مىللىيچە كىيىملىرىمىزنى كېىيپ چىقتۇق، ئاۋۋال ئوپچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق، ئاندىن ئۆز ئارا، يالغۇز دېگەندەك خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋالدۇق. مەيداندىكى پائالىيەت تۈگىگەندىن كېيىن ھەر قايسىمىز ئىختىيارىي پائالىيەت قىلىشقا باشلىدۇق، چۈشتىن كېيىن نۇردۇن ئابدۇسەمەت بىلەن خان سارىيى مۇزىيىغا كىردۇق. ئالدىنىقى قېتىم كەلگەندە، ۋاقىت قىسقا ھەم ئىچىدىكى كۆپ قىسىم قۇرۇلۇشلارنى رېمونت قىلىۋاتقان بولغاچقا تەپسىلى كۆرەلمەي كەتكەن ئىدىم. بۇ قېتىم ساق 3 سائەت ئايلىنىپ چىقتۇق، ھەمدە ھاۋا ياخشى بولغاچقا سۈرەتلەرنى كۆپ تارتىۋالدىم.