15-چىسلا چۈشتىن كېيىن جۇڭگو فوتوگرافلار جەمئىينىڭ ئىشخانا بىناسىدىكى زالدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدۇق. ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا جۇڭگو فوتوگرافلار جەمئىيتى ۋە بېيجىڭ فوتوگىرافىيە بويىچە سىرتتىن تەربىيلەش ئىنىستىتوتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان «ئاز سانلىق مىللەتلەر فوتوگرافىيە ساھەسىدىكى ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيلەش قۇرۇلۇشى» كۇرسىنى تاماملىغانلىق توغرىسىدىكى شاھادەتنامە تارقىتىپ بېرىلدى. مۇراسىمدىن كېىين ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق.
مۇراسىم چۈشتىن كېىيىن سائەت 3 ئەتراپىدا ئاخىرلاشتى، سودا سارايلار ئىشتىن چۈشۈشكە يەنە ئىككى ئۈچ سائەت ۋاقىت بار ئىدى بىر قانچىمىز بېيجىڭ فوتو ئاپىرات ئۈسكۈنىلىرى بازىرىغا كەلدۇق، ھەقىقەتەن چوڭ بازاركەن، فوتو سۈرەتچىلىككە چېتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىدىغاندەك قىلاتتى، بىز بىلەن بىرگە بارغان بىرەيلەن كەنون ماركىلىق ئاپپاراتتىن بىرنى سېتىۋالدى. باھاسى توردىكى باھادىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغاندەك قىلاتتى، تېخى ئازاراق قىممەت كۆردۈم. ئىچمدە يەنىلا توردىن سېتىۋالساق ئوڭايكەن دەپ ئويلىدىم، بىر دەمدە سودا ساراينى تاقايدىغان ۋاقىت بوپ قاپتۇ. بىر سائەتچە ئايلىنىپ يېنىپ چىقتۇق.