باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى(3)

2013.04.03 11:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3 . تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دائىمىي كومىتېت ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەتلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش ۋە جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا، ئاساسىي قانۇن ۋە سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىدىكى بەلگىمىگە ئاساسەن سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتەك ئۈچ چوڭ فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشنى چۆرىدەپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ تۈرلۈك خىزمەت تۈزۈملىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى قەدەممۇقەدەم ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسى نەزەرىيەسى بىلەن ئەمەلىيىتىگە بولغان تەتقىقات ئىزدىنىشلىرىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. كېڭىشىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭىشىشنى تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، تەدبىر بەلگىلەشتىن بۇرۇن ۋە تەدبىر بەلگىلەش جەريانىدا كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، كېڭىشىش مەزمۇنىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، كېڭىشىش سۇبيېكتىنىڭ ۋەكىللىكلىكى، سىغدۇرۇشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كېڭىشىش نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە جاۋاب قايتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش كېرەك. ‹‹ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى (ش پ ت ]2010[ 17 – نومۇرلۇق ھۆججىتى) نى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ شەكلىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، مەخسۇس تېمىدىكى كېڭىشىش، ساھەلەر بويىچە كېڭىشىش، سىستېمىلار بويىچە كېڭىشىش، تەكلىپ بېجىرىش بويىچە كېڭىشىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىش يولىنى كېڭەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىكى زاتلار بىلەن بىرلىكتە پىكىر، كۆزقاراشنى ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق، ئومۇمىي جەھەتتە كېڭىشىشتەك ۋەزىيەتنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ ئۇسۇلى، يولى، ۋاسىتىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەزالارنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش يولىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا قارىتا تەنقىد، تەكلىپ – پىكىر بېرىشكە، ئوخشىمىغان پىكىردە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇزاكىرە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇ – تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىش، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىشنى قوللاپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى ئەمەلىي پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەدبىر بەلگىلەشتىكى مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىنتىزامى، سىياسىي كېڭەشنىڭ قەرەللىك يىغىنى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەزالار بىلەن ئالاقىلىشىش ھەمدە دائىمىي كومىتېت يىغىن يوقلىمىسىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئەزالارنىڭ فۇنكسىيە ئادا قىلىش ئارخىپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ فۇنكسىيە ئادا قىلىش ۋەزىپىسىدىن دوكلات بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىدىيە، ئىقتىدار، ئىستىل، تۈزۈم ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنى سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، نەزەرىيە جەھەتتە سەگەك، ئىدىيەدە ئازاد، كۆزقارىشى يېڭى، ئىستىلدا ئەمەلىي، كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچى، ئىجادچانلىق كۈچىگە ئىگە رەھبەرلىك كوللېكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  4 . پائال يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، فۇنكسىيە ئادا قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. دائىمىي كومىتېت ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى فۇنكسىيە ئادا قىلىشنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيلىق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى، دەۋر تەرەققىياتىدىكى چوڭ تېمىلارنى ۋە ئامما ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان بىرىكمە نۇقتىلاردىن كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىلىرىنى بېكىتىشكە ماھىر بولۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلار توپلاشقان، ئەقلىي كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئالاقە كەڭ بولۇشتەك ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساھەلەرنى ئاساس، مەخسۇس تېمىنى مەزمۇن، سىستېمىلارنى بەلۋاغ، سۆھبەتلىشىشنى ئاساسىي شەكىل قىلغان كېڭىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر – تەكلىپلەرنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، مەشغۇلاتچان بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەدبىر بەلگىلەشتە قوبۇل قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دائىمىي كومىتېتنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ سىياسەت، فاڭجېنلىرى، زور مەسىلىلەردىكى قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئىجرا قىلىش ئەھۋاللىرىغا پائال كۆڭۈل بۆلۈپ، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتىنىڭ تۈرلۈك يىغىن، ئۆگىنىش، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىش كېرەك. ھەربىر دائىمىي كومىتېت ئەزاسى يىلىغا ئىككى پارچىدىن ئارتۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ياكى تەكلىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەل رايى ئۇچۇرلىرى، يىغىندا سۆز قىلىش ماتېرىيالى يېزىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنى، ئومۇمىي يىغىندا باشلامچىلىق بىلەن پىكىر بايان قىلىپ، چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئىشلارنى كېڭىشىش، دۇرۇس سۆزلەش، چارە – تەدبىر كۆرسىتىشكە ماھىر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي تەدبىر ۋە نەتىجە ئارقىلىق ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى يۈكسەلدۈرۈپ، تۈرلۈك فۇنكسىيە ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىنى مەركىزىي ۋەزىپىگە تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە