باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ۋە كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلەشتى

2013.04.02 13:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 27 – مارت بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگېل بۈگۈن كەچ كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىم كۋانجىم بىلەن تېلېفۇنلىشىپ، ئىككى تەرەپ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلەشتى ھەم مۇستەھكەم ئامېرىكا – كورېيە ئىتتىپاقىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىقلىقىنى بىلدۈردى››.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خاگېل تېلېفۇندا ئامېرىكىنىڭ كورېيەنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى ‹‹تەۋرەنمەس مەجبۇرىيىتى››نى تەكىتلىدى ھەم ئامېرىكا بىلەن كورېيە يېقىندا ئىمزالىغان ئىغۋاگەرچىلىككە قارشى تۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، چاۋشيەننىڭ ‹‹تاجاۋۇزچىلىقى››غا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كېڭىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ يەنە يېقىندا ئامېرىكا ئېلان قىلغان چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش پىلانى، يەنى ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇش سىستېمىسى ۋە ئالدىن سېگنال بەرگۈچى ئىز قوغلاش رادارىنى كۆپەيتىشىنى مۇزاكىرىلەشتى.

  ئامېرىكا ۋە كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى چاۋشيەن ئارمىيەسىنىڭ جەڭ ھالىتىگە كىرگەنلىكى ۋە چاۋشيەن – كورېيە ھەربىي ئالاقە لېنىيەسىنى ئۈزۈۋەتكەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن تېلېفۇنلاشقان.

  چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئالىي قوماندانلىق ئىشتابى 26 – مارت مۇنداق دەپ جاكارلىدى: ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىمى ۋە يىراق مۇساپىلىك زەمبىرەكچىلەر قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چاۋشيەن دالا زەمبىرەكچىلىرى گۇرۇپپىۋويىنىڭ ‹‹جەڭ ھالىتى››گە ئۆتكەنلىكىنى، زەربە بېرىش نىشانلىرىنىڭ ئامېرىكا، كورېيە، شۇنداقلا ئەتراپتىكى رايونلاردىكى ‹‹بارلىق دۈشمەن نىشانلىرى›› نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چاۋشيەن 27 – مارت چۈشتىن بۇرۇن كورېيە ھەربىي دائىرىلىرىگە چاۋشيەن – كورېيە ھەربىي ئالاقە لېنىيەسىنى ئۈزۈۋەتكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، غەربىي رايوندىكى شىمال – جەنۇب ئورتاق باشقۇرۇش رايونىدىكى ھەربىي ئالاقە پونكىتى ۋە چاۋشيەنلىك ئەزالارنىڭ پائالىيىتىنى توختاتقانلىقىنى تېلېفون ئارقىلىق ئۇقتۇردى. ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ بۇ قىلمىشى ‹‹ئىغۋاگەرچىلىك›› دەپ ئەيىبلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە