باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلىرى يىغىنى سۇرىيە ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان بولدى

2013.04.02 13:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24 – نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلىرى يىغىنى 26 – مارت قاتار پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ‹‹دوھا خىتابنامىسى›› ماقۇللىنىپ، ‹‹سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەر مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى››(مەملىكەتلىك ئىتتىپاق)غا ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى بېرىش قارار قىلىندى. يىغىن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قورال بىلەن تەمىنلىشىگە قوشۇلدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قىلمىشى سۇرىيە ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ، سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈمىدىنى تېخىمۇ يوققا چىقىرىدۇ.

  ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا سۇرىيە مەسىلىسى، پەلەستىن مەسىلىسى، شۇنداقلا ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق قارالمىلارنى مۇزاكىرىلەشتى، يىغىندا سۇرىيە مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى.

  24 – مارت ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان سۇرىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىنىڭ سابىق رەھبىرى مۇۋاز خاتىپ سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىگە ۋاكالىتەن بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى، ئۇ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى ھەم ب د ت قاتارلىق باشقا خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئوخشاش سۇرىيەنىڭ بۇ ئاپپاراتلاردىكى ئورنىنى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹دوھا خىتابنامىسى›› سۇرىيەنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ئورنىنى مەملىكەتلىك ئىتتىپاققا بېرىشنى بېكىتىش ھەم باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارغا سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىش؛ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قورال بىلەن تەمىنلىشىگە قوشۇلۇش؛ سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىش؛ ‹‹سۇرىيەنى قايتا قۇرۇش يىغىنى›› ئېچىش تەكلىپىنى بېرىش، خەلقئارا جەمئىيەتنى سۇرىيە خەلقىگە ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  ‹‹دوھا خىتابنامىسى››نىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى ئاۋازغا قويغاندا لىۋانلار ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، باشقا دۆلەتلەر قارشى ئاۋاز بەرمىدى، لېكىن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر خىتابنامىنىڭ مەزمۇنىغا ئوخشىمىغان قاراشلاردىمۇ بولدى، بەزى دۆلەتلەر ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوراللاندۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىغا نارازى بولدى.

  سۇدان، يەمەن، سومالى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ يىغىندا سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش تېمىسى ئۈستىدە توختىلىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى ھەم ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىگە ياردەم بېرىپ، نامرات دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشكە سەل قارىغانلىقىغا نارازى بولدى، ئالجىرىيەمۇ سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوراللاندۇرۇش مەسىلىسىدە ئۆز پىكىرىنى ساقلاپ قالدى.

  بۇ قېتىملىق ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنى ئەسلىدە ئىككى كۈن ئېچىش بېكىتىلگەن، لېكىن 26 – مارت تۇيۇقسىز يىغىن مۇددىتىنىڭ بىر كۈنگە قىسقارتىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. بەزى يىغىن خىزمەتچىلىرى مۇنداق دېدى: يىغىن مۇددىتىنىڭ قىسقارتىلغانلىقىغا ساھىبخانا دۆلەت قاتارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى دۆلەتلەر بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوراللاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، بەزى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىن مۇزاكىرىسىگە تاقىتى قالماي، يىغىننى تېزرەك ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلغانلىقى سەۋەب بولدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا بۇ قېتىم يېنىكلىك بىلەن ماقۇللانغان ‹‹دوھا خىتابنامىسى›› ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، چۈنكى تېخىمۇ كۆپ قورالنىڭ سۇرىيەگە ئېقىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، سۇرىيەدىكى قانلىق توقۇنۇش تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشى تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ، نەتىجىدە بەزى رادىكال تەشكىلاتلار توپىلاڭدا توغاچ ئوغرىلىشى مۇمكىن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە