باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن-كورېيە مۇناسىۋىتى جىددى ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى

2013.04.02 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ 1-ئاپرېل ئاشكارىلىشىچە، شۇ كۈنى كېسوڭ سانائەت رايونىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش ئەھۋالى نورمال بولغان. تۇتۇپ قېلىنغان كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كورېيە ھۆكۈمىتى سانائەت رايونى بىلەن بولغان پۈتۈن كۈنلۈك ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر ئېھتىمالغا قارشى تاقابىل تۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەن.

  چاۋشيەن 30-مارت چاۋشيەن-كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇرۇش ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى، شۇنىڭدەك كېسوڭ سانائەت رايونىنى تاقايمىز دەپ تەھدىت سالدى. كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «چاۋشيەننىڭ قىلمىشى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، كورېيە بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ» دېدى.

  كورېيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كىم جيۇڭسوك 1-ئاپرېل «نۆۋەتتە جىددى ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغان كورېيە-چاۋشيەن مۇناسىۋىتى ئاخىرقى چەككە بېرىپ قالغىنى يوق» دېدى.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە