باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى(2)

2013.04.03 11:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2 . نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. دائىمىي كومىتېت سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇشتەك ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ، دەۋر ئېقىمىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن سىياسەتلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنى ئۆگىنىپ ھەمدە بىرلىك سەپ ۋە خەلق سىياسىي كېڭىشى نەزەرىيەسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، راۋاجلاندۇرۇپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە تۈزۈمىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەڭ يېڭى نەزەرىيە نەتىجىلىرى بىلەن سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دائىمىي كومىتېتنىڭ مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش يىغىنى، ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى، ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى بېسىپ تارقىتىش شەكىللىرى ئارقىلىق قويۇق ئۆگىنىش كەيپىياتى يارىتىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيلىق ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سىياسىي كېڭەش خىزمەت سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن بەجانىدىللىق بىلەن چىقىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى چۈشەندۈرۈش، جاسارەتلىك ۋە غايىلىك بولۇش ئارقىلىق ئارزۇغا جاۋاب قايتۇرۇش، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە