باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى(4)

2013.04.03 11:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5 . ئىككى چوڭ ئاساسىي تېمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىتتىپاق، ئىناق بولغان خىزمەت كەيپىياتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. دائىمىي كومىتېت ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي تېمىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىق، دېموكراتىيەنى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنى خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بارلىق جەريانغا سىڭدۈرۈپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنى ئىتتىپاقلىق ئائىلىسى، دېموكراتىيە ئائىلىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھالىتى ۋە ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشنىڭ تەلىپى بويىچە ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى كەڭ كۆلەمدە مۇجەسسەملەپ، ‹‹ئىككى 100 يىل›› لىق ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دېموكراتىك كېڭىشىش، باراۋەر ئاساستا ئىشلارنى كېڭىشىش، ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كىلىپ پەرقلەرنى ساقلاش، چۈشىنىش، كەڭ قورساق بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، مىللەتلەر، قاتلاملار، ساھەلەردىكى زاتلارنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ۋە كەڭ بىرىكىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ‹‹ئۇزاق مۇددەت بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئۆزئارا نازارەت قىلىش، بىر بىرىدىن سىر يوشۇرماسلىق، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش›› فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ھەمدە ھەرقايسى قاتلاملار بولۇپمۇ جەمئىيەتتىكى يېڭى قاتلام زاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئاڭلاش كېرەك. پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي كېڭەشتە پىكىر ۋە تەشەببۇسلىرىنى بايان قىلىش، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مۇستەقىل قانات يايدۇرۇشىنى پائال قوللاپ، پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەشلەرگە بولغان يېتەكچىلىك ۋە ياردەمنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، كىشىلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىلمىي تەرەققىياتقا مۇجەسسەملىشى كېرەك. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئارىسىدا پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىش، ئومۇمىيلىقنى كۆزلەش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا قوللاش، ئىناق، ئىتتىپاق بولغان، ئىش بېجىرىپ كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىدىغان خىزمەت كەيپىياتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

  6 . ئۆز ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ. سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىدىكى بارلىق ئەزالار مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇھىم مەسئۇلىيەتنى باشتىن – ئاخىر ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، باشتىن – ئاخىر مېڭىنى سەگەك تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتىكى بىر قاتار مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن – تۈزۈمنى تەكىتلەش، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش›› تە چىڭ تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاڭلىق تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قىلچە تەۋرەنمەستىن قوغداش كېرەك. دائىمىي كومىتېت مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزىنىڭ كۆزقارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، گۇمان – ئەندىشىدىن خالاس قىلىش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەپ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلارچە دوستلۇقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ساقلاشتىكى تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  7 . ياخشى ئوبراز تىكلەپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەسئۇلىيەتچان دائىمىي كومىتېت بەرپا قىلىش كېرەك. سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى – سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يادرولۇق كۈچى بولۇپ، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، تەسىرى زور، جەمئىيەت دىققەت قىلىدۇ. بارلىق دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى نىزامنامىگە رىئايە قىلىشى، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشى، مەردانىلىك بىلەن گەپنى ئوچۇق قىلىشى، ئېتىبارسىز قاراش ۋە بىپەرۋالىق قىلىشنى رەت قىلىش كېرەك. ئۆگىنىشكە، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇش، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش، يىنىكلىك قىلىدىغان ۋە دۆلەتنىڭ ئەھۋالىدىن چەتنىگەن رادىكال تەشەببۇسلارنى رەت قىلىش كېرەك. قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش، ئىقتىسادچانلىقنى يولغا قويۇش، تىرىشچانلىق ۋە ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىش بېجىرىش، ئىسراپچىلىق قىلىپ راھەت – پاراغەتكە بېرىلىش ۋە ھوقۇق ياكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ھەر مىللەت ھەر ساھەنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىك زاتلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن شان – شەرەپنى قەدىرلىشى، بۇرچىنى ئادا قىلىشى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى، ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئاڭلىقلىق بىلەن دائىمىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىغا قويۇپ، مەخسۇس كومىتېتلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشلەر تەشكىللىك قانات يايدۇرغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، كەڭ ئەزالار ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، ئۆز ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىل، ئۆز خىزمەت ئورنىدىكى ئىلغار نەمۇنىچىلاردىن بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئىچىدىكى كومپارتىيە ئەزالىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كەڭ تۈردە دوستلىشىپ، نەمۇنىلىك بىلەن باشلامچى بولۇپ، ئىشلارنى ھەمكارلىشىپ ئورتاق بېجىرىدىغان، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرىدىغان، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل، پاك – خەلقچىل بولغان، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇش كېرەك. بارلىق دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ‹‹ۋەتەننى – شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىش – تۆھپە قوشۇش، ئەمگەكچانلىق – ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئېچىۋېتىش – ئىلگىرىلەش›› تەك شىنجاڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى خەلق ئۈچۈن دەيدىغان كۆز قاراشنى تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنى قىزغىن سۆيۈپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن سۆزلەش، خەلق ئۈچۈن تەدبىر كۆرسىتىش، خەلق ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئاڭلىقلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئىشلىرى خەلققە باغلىق دېگەن ئاڭنى كۈچەيتىپ، دائىم ئامما ئارىسىغا چۆكۈپ، ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، ئامما ئارىسىدىن ئەقىل تېپىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، چارە – تەدبىر كۆرسىتىشنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەربىر دائىمىي كومىتېت ئەزاسى پارتىيە ۋە ھەر مىللەت خەلقىگە مەسئۇل بولىدىغان سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇشى، ئۆزگىرىش ياساشنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن بولۇشى، مەزكۇر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۇنىۋېرسال خىسلىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، دائىمىي كومىتېتنى تىرىشىپ مەسئۇلىيەتچان، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، تۆھپە قوشىدىغان رەھبەرلىك كوللېكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  8 . بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى روھىي ھالەتنى ۋە پۇختا خىزمەت ئىستىلىنى ساقلاش كېرەك. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاددىي – ساددا بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قاتتىق رىئايە قىلىپ ئىجرا قىلىش كېرەك. بارلىق دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى، تىرىشچانلىق ۋە ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىش بېجىرىپ كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشى، ناچار ئۆرپ – ئادەتلەرنى باشلامچىلىق بىلەن تۈگىتىپ، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى روھىي ھالەتنى باشتىن – ئاخىر ساقلىشى، ‹‹تىرىشقاندىلا ئۆزگىرىش بولىدۇ، تىرىشىدىغانلا بولساق چوقۇم ئۆزگەرتەلەيمىز›› دېگەن كۆزقاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹مەن قىلالايمەن›› دېگەن سۇبيېكتلىق ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جان – دىل بىلەن ئىشلەپ، مىنۇت – سېكۇنتنىمۇ قەدىرلەپ ئىشلەپ، ئەمەلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلەپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش رولى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتىپلىق رولى، سىياسىي كېڭەش ساھەلىرىنىڭ ۋەكىللىك رولى، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي كېڭەش ئورگان قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە دەۋر خاراكتېرىنى، قانۇنىيەتچانلىقنى، مول ئىجادچانلىقنى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، چارە – تەدبىر كۆرسىتىش، ئومۇمىيلىق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە