باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئەمەلىي ھەمكارلىققا يېڭى دەۋر مەزمۇنى يۈكلەندى

2019.03.25 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەتىياز − بىر يىلدىكى ئەڭ ياخشى پەيت، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ دەل ۋاقتى. رەئىس شى جىنپىڭ ھازىر ئىتالىيە، موناكو، فىرانسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈچ دۆلەت بىلەن بىرلىكتە ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئۈمىدىنى ئورتاق ھاسىل قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىققا يېڭى دەۋر مەزمۇنى يۈكلىمەكتە.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ زىيارىتى ھەم جۇڭگونىڭ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى، جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنىڭ ناماياندىسى، ھەم جۇڭگونىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، يېڭى تارىخىي پەللىدە، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئەستايىدىللىق روھى بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ بۇ زىيارىتىدە، زىيارەت قىلىنغان دۆلەتلەرگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئېلىپ، زىيارەت قىلىنغان دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ھەمكارلىق روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستىراتىگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىزلىرى جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىسىنى بارغانسىرى قويۇقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل-ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىشنى كۈندىن-كۈنگە ئورتاق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت گۈزەل كەلگۈسىنى بارغانسېرى جەلپكارلىققا ئىگە قىلدى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ زىيارىتى ھەم جۇڭگو-ياۋروپا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرۈۋاتقان دۇنيادا، دەۋر مەسىلىلىرى ۋە خىرىسلارغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىشتىكى ئەمەلىي تىرىشچانلىقتۇر. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا، يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ھەر قايسى ئەللەرنى يېڭى مەسىلە ۋە خىرىسلارغا يۈزلەندۈردى ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتىكى پۇرسىتى ۋە مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز قايتىدىن بەرپا قىلماقتا. ھېچقانداق دۆلەت ئۆزۈملا ياخشى بولسام دىيەلمەيدۇ. پەقەت ھەرقايسى دۆلەتلەر تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەمكارلىشىپ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىستراتىگىيەلىك ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر