باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2019.02.20 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك بولۇشى كېرەك؛ جۇڭگو گۈزەل بولۇش ئۈچۈن، يېزىلىرى گۈزەل بولۇشى كېرەك؛ جۇڭگو بېيىش ئۈچۈن، دېھقانلارنى بېيىتىش كېرەك.

  باھارنىڭ بېشىدىلا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئاشكارا ئېلان قىلدى. بۇ، يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇدا ئېلان قىلغان 16-قېتىملىق «1-نومۇرلۇق ھۆججەت» بولۇپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈپ، دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز ئۈچۈن مۇھىم قوللانما ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ يىللىق «1-نومۇرلۇق ھۆججەت»تە مەۋقە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە قارىتىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدە جەزمەن ئورۇنداشقا تېگىشلىك يىرىك ۋەزىپىلەر نىشانلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا قويغان يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، مۇنۇلارنى گەۋدىلىك تەكىتلەندى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش لازىم. تۈرلۈك قاتتىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ بۇ يىل ۋە كېلەر يىلىدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئەھمىيىتى زور.

  2018-يىلى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى ياخشى باشلاندى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى، يېزا ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقى ساقلاندى. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ سىجىل ياخشى ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىقنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

  نۆۋەتتە، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى زورايماقتا، تاشقى مۇھىتتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتماقتا، ۋەزىيەت مۇرەككەپلەشكەنچە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تېخىمۇ ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، يېزا ئىگىلىكى يەنىلا «تەڭ قەدەمدە تۆتلەشتۈرۈش»تىكى ئاجىز نۇقتا، يېزىلار يەنىلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاجىز نۇقتا. پەقەت يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي بازىنى مۇقىملاشتۇرغاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇمىيلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن مادار قوشقىلى بولىدۇ.

  2020-يىلىغا بارغاندا يېزا ئىسلاھاتى تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي خەلق ئالدىدا، بولۇپمۇ مىليونلىغان دېھقانلار ئالدىدا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ساپاسى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، پارتىيەمىزنىڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدىكى ئىناۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك. بىز چوقۇم يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم. (تولۇق مەزمۇنىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر