باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ ياخشى ھالىتىنى ساقلايلى

− بىر قىسىم ئۆلكە- شەھەرلەرنىڭ ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلغانلىقى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش- تەتقىقاتنىڭ بىرىنچىسى

2018.10.12 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي ئېكولوگىيە بولسا بىر جاينىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ ھالىتى ۋە سىياسىي تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ مەركەزلىك ئىنكاسى بولۇپ، سىياسىي تۈزۈم، سىياسىي مەدەنىيەت، سىياسىي تۇرمۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىنكاسى. سىياسىي ئېكولوگىيە ياخشى بولسا، كىشىلەر خاتىرجەم بولىدۇ، توغرا كەيپىيات بولىدۇ؛ سىياسىي ئېكولوگىيە ياخشى بولمىسا، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى چېچىلىپ، ئىللەتلەر ئاينىپ كېتىدۇ.

  «سىياسىي ئېكولوگىيە تەبىئىي ئېكولوگىيەگە ئوخشايدۇ، سەللا دىققەت قىلمىساق ئاسانلا بۇلغىنىپ كېتىدۇ، چاتاق چىقسا ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ناھايىتى زور بەدەل تۆلەش كېرەك بولىدۇ.» بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇرۇس سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش − بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنىڭ سىياسىي تەلىپى، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نىشانىغا ئوڭۇشلۇق يېتىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

  يېقىندا، خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى چۇڭچىڭ، سەنشى، يۈننەن قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىگە بېرىپ، شۇ جاينىڭ قانداق قىلىپ ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ زىيارەت قىلدى. كادىرلار ۋە ئامما ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ئۈچ ئۆلكە-شەھەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنى باشقۇرۇش بوش ۋە يۇمشاق بولۇشتىن قاتتىقلىققا تەرەققىي قىلدى، سىياسىي ئېكولوگىيە كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىزچىل ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

  «رول»نى ياخشى باشقۇرۇپ، «بۇلغىما مەنبەسى»نى تۈزەپ «سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى ياندۇرۇپ» ئىستىلنى تۈزەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، چىرىكلىكنىڭ قالدۇق زەھىرىنى قەتئىي تازىلاش لازىم.

  «ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىت يارىتىشتا ‹ئىككىنى قەتئىي قوغداش›تىن ئىبارەت بۇ ‹رول›نى چوقۇم ياخشى باشقۇرۇپ، چىرىكلىكتىن ئىبارەت بۇ جاننى ئالىدىغان ‹بۇلغىنىش مەنبەسى›نى قەتئىي تازىلاش لازىم.» بۇ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ئورتاق تونۇشى بولۇپ قالدى. نۇرغۇن كادىر ۋە ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇن، بەزى جايلار ۋە تارماقلاردا پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا ئۇزاق مۇددەت يۇمشاق قوللۇق قىلغان بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئاجىزلاشقان، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەرسىز بولغان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئاجىز بولغانلىقتىن، سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، جايلارنىڭ پارتكوملىرى مەركەزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، چىرىكلىكنىڭ قالدۇق زەھىرىنى قەتئىي تازىلاپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش كەيپىياتىنى يېڭىلاشنى ئىلگىرى سۈردى، سىياسىي ئېكولوگىيە كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر