باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونى:

ھۆكۈمەت ئىسلاھاتنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى (ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز. 100 شەھەر، 100 ناھىيە ۋە 100 كارخانىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى)

2018.10.11 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9- ئاينىڭ 27- كۈنى، 2018- يىللىق شاڭخەي پۇدۇڭ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى. مايكىل كۆرگەزمىخانىدا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ جىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بەك سۆيۈنۈپ كەتتى.

  مايكىل شاڭخەي يېڭى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چەكسىز پەخىرلىك ھېس قىلدى: 28 يىل بۇرۇن، پۇدۇڭ كۆرگەزمە كەسپى نۆل ئىدى، لېكىن ھازىر يېڭى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىراش بولغان كۆرگەزمە مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، كىرىمى ۋە پايدىسى دۇنيادىكى كەسىپداشلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. ھازىر، ھەر يىلى بۇ يەرگە كېلىدىغان كەسپىي خېرىدارلارنىڭ سانى 5 مىليون ئادەم (قېتىم)غا، ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلارنىڭ سانى 10 مىليون ئادەم (قېتىم)غا يېتىدۇ.

  پۇدۇڭدىكى يېڭى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى بولسا، پۇدۇڭدىكى زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ پەقەت بىرلا كارتىنىسى ھېسابلىنىدۇ.

  1990-يىلى، پۇدۇڭنىڭ GDP سى ئاران 6 مىليارد يۈەنگە يەتكەن ئىدى، 2017- يىلى 961 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە ئۆرلەپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %15.1غا يەتتى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ پۇدۇڭ شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %20دىن %33.3گە ئۆرلىدى.

  پۇدۇڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز كۆتۈرۈلۈشىدە، پۇدۇڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئىسلاھات قىلىشىنىڭ ئۈزۈلمىگەنلىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولدى. چوڭ ئىستراتېگىيە ۋە چوڭ بازارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ كارخانا ۋە بازارلارنىڭ رولىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭشىشى، پۇدۇڭ يېڭى رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى تۈزىشىدىكى ئالاھىدىلىكى ھېسابلىدۇ.

  پۇدۇڭ رايونىنى ئېچىش ۋە ئېچىۋېتىش دەسلەپكى مەزگىلدە، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى. 1990- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ يېڭى رايوننىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، ھەمدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە فۇنكسىيەلىك رايوننىڭ ئېچىشنى كۈچەيتىش بولسا، پۇدۇڭ رايونىنى ئېچىش ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ھېسابلىناتتى. شۇ مەزگىللەردە، پۇدۇڭ باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە ئېچىش شىركىتى پۇدۇڭ رايونىنى ئېچىش ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ سۇبيېكتى بولغان ئىدى. شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت شاڭخەي پۇدۇڭ رايونىنى ئېچىش ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرغان ئىدى، ھەمدە پۇدۇڭ تەرەققىيات ئىشخانىسى ۋە پۇدۇڭ رايونىنى ئېچىش-پىلانلاش تەتقىقات يۇرتىنى تەسىس قىلغان ئىدى؛ شۇ ۋاقىتتىكى ئالدىنقى مەزگىللىك تەييارلىقلار ئارقىلىق، 1992- يىلى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، پۇدۇڭ يېڭى رايونى رەسمىي قۇرۇلغان ئىدى. 1993- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، پۇدۇڭ يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى ۋە پۇدۇڭ يېڭى رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىغا ۋىۋىسكا ئېسىلغان ئىدى، لېكىن ئۇ ئىككى كومىتېت پەقەت شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋاكالەت ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ رايون باشقۇرۇشىغا مەسئۇل بولغان ئىدى.

  تەرەققىيات رايونىدا، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئېچىش شىركىتى شۇ مەزگىلدە تەرەققىيات سۇبيېكتىغا ئايلانغان ئىدى. 1990- يىلى 9- ئايدا قۇرۇلغان لۇجىيازۈي، ۋەيگاۋچياۋ ۋە جىنچياۋدىن ئىبارەت 3 ئېچىش شىركىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا لۇجىيازۈي پۇل مۇئامىلە سودا ئېچىش رايونى، ۋەيگاۋچياۋ باجدىن خالىي رايونى، جىنچياۋ ئېكسپورت پىششىقلاپ ئىشلەش رايونىنىڭ ئېچىش ۋە تىجارەت باشقۇرۇشىغا مەسئۇل بولغان ئىدى. 1992- يىلى قۇرۇلغان جاڭجىياڭ ئالىي پەن-تېخنىكا باغچە رايونى ئېچىش شىركىتى شۇ مەزگىلدە جاڭجىياڭ ئالىي پەن-تېخنىكا باغچە رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېچىش ۋە تىجارەت باشقۇرۇشىغا مەسئۇل بولغان ئىدى.

  «باشقۇرۇش كومىتېتى + ئېچىش شىركىتى»دەك بۇ خىل ئەندىزە، ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىنىڭ ئاسارىتىنى بۆسۈپ چىقىپ، پۇدۇڭ يېڭى رايونىنى ئېچىش-ئېچىۋېتىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  بۇ جەرياندا، پۇدۇڭدا «كىچىك ھۆكۈمەت، چوڭ جەمئىيەت» باشقۇرۇش ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. كىچىك ھۆكۈمەتزادى قانچىلىك كىچىك بولدى؟ ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئاپپاراتى دەل پۇدۇڭ تەرەققىيات ئىشخانىسى، قارمىقىدا پەقەت ئۈچلا باشقارما ۋە ئىككىلا بۆلۈم تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، بىر ئۇنىۋېرسال پىلانلاش باشقارمىسى، بىر قۇرۇلۇش پىلانلاش باشقارمىسى ۋە بىر ئۇچۇر باشقارمىسى بار، يەنە بىر سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە بىر ئادەتتىكى ئىشخانا بار. ئىشخانا بەك كىچىك بولغاچقا، ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ھەتتا بىر ئادەمگىمۇ بىر ئۈستەل يوق، پەقەت بىرلا تارتما بار ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر