باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۈچ ئايلىق ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، يېمەكلىك، دورا، دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى ۋە مۇھىت ئىشلىرى قاتارلىقلاردىكى جىنايى قىلمىشلاغا زەربە بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ

2018.10.11 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 10- چېسلا بېيجىڭدا يىغىن ئېچىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى ج خ ئورگانلىرىنى يېمەكلىك، دورا، دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى ۋە مۇھىت ئىشىلىرى قاتارلىقلاردىكى جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ھەقىقىي قوغدىماقچى بولدى.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە زەربە بېرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ نۇقتىلار ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە: يېمەكلىك ساھەسىدە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىغا قانۇنسىز ھالدا نەرسە قوشۇش، ھەمدە ساختا ۋە ناچار يېمەكلىكلەرنى ياساپ چىقىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە نۇقتىلىق زەربە بېرىش؛ دورا-دەرمان ساھەسىدە، ئۆسمىگە تاقابىل تۇرغۇچى دورىلار تۈرىدىكى دورىلاردا ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە ئىشلىتىدىغان دورىلاردا ساختىلىق قىلىش قاتارلىق دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان جىنايەتلەرگە نۇقتىلىق زەربە بېرىش؛ دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى ساھەسىدە، مەنئى قىلىنغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئىشلىتىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە نۇقتىلىق زەربە بېرىش؛ مۇھىت ساھەسىدە، ئەخلەتلەرنى قانۇنسىز يۆتكەش، تۆكۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە نۇقتىلىق زەربە بېرىش. ھازىرغا قەدەر، بۇ يىل يېمەكلىك، دورا-دەرمان، دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى ۋە مۇھىت ئىشلىرى قاتارلىقلاردىكى جىنايەت دېلولىرىدىن ھەر قايسى جايلاردا بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولار 21 مىڭغا يەتكەن، قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ سانى 26مىڭغا يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر