باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ جاراڭلىق ساداسىغا قۇلاق سالايلى

2018.10.08 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تارىخنىڭ تەرەققىيات لوگىكىسى بويىچە ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىش كېرەك. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىنقىلابىنىڭ ئىككىنچى مەيدانلىق كۈرىشى نەتىجىسىدە، جۇڭگودا، يەنى بۇ مۇقەددەس زېمىنىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. يېزىلاردىكى ئىسلاھاتتىن شەھەرلەردىكى ئىسلاھاتقىچە، دېڭىز بويلىرىدىكى ئېچىۋېتىشتىن ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئېچىۋېتىلىشىگىچە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشتىن پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگىچە، جۇڭگو خەلقى ئىككى قولى بىلەن دۆلەت ۋە مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سەلتەنەتلىك داستانىنى يېزىپ چىقتى.

  40 يىللىق ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش نەتىجىسىدە بىزدە يۈز بەرگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى قانداق ھىس قىلىش مۇمكىن؟ تارىخىي تەلەپكە ئۇيغۇنلاشقان ۋە دەۋرنىڭ ئېقىمىغا ماسلاشقان ئىسلاھات ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ تومۇرىنى زادى قانداق تۇتۇش مۇمكىن؟ ئىجاتچانلىق ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ رىۋايەتلىك «جۇڭگو كودى»نى زادى قانداق يېشىش مۇمكىن؟ بىر تامچە سۇمۇ قۇياش نۇرىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ، بىرلا جايمۇ بىر دۆلەتنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلالايدۇ. 40 يىلدىن بۇيان، شەھەرلەر ئىسلاھاتى، ناھىيەلەر ئىسلاھاتى ۋە كارخانىلار ئىسلاھاتىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈش نەتىجىسىدە، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئۇ نەتىجىلەر بىزنىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى كۆزىتىشىمىزنى مۇھىم ھەم ئۆزگىچە بولغان كۆزىتىش نۇقتىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  بۈگۈندىن ئېتىبارەن، ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ «100 شەھەر، 100 ناھىيە ۋە100 كارخانىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى» ناملىق بۇ چاتما خەۋەرلەرنىڭ مەخسۇس سەھىپىلىرى ئېچىلدى. شېنجېن قانداق قىلىپ «كىچىك بېلىقچىلىق كەنتى»دىن بىر سەكرەپلا بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ بىلەن بەسلىشەلەيدىغان «يېڭى بىر تۈركۈمدىكى بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەر» قاتارىغا كىردى؟ فۇجيەننىڭ جىنجياڭ شەھىرى قانداق قىلىپ «جىنجياڭ تەجرىبىسى» ئارقىلىق تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى ياراتتى؟ ئەسلىدىكى خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى تۇنجى ئاپتوموبىل ياساش شىركىتى __ جىلى ئاپتوموبىل شىركىتى قانداق قىلىپ قۇرۇق قول ئىش باشلاپ، ئاخىرىدا شەرەپ بىلەن «دۇنيا بويىچە 500 كۈچلۈك كارخانا»غا ئايلاندى؟ چاڭجياڭ سەنشيا گۇرۇھى قانداق قىلىپ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ پاكىز ئېنېرگىيە گۇرۇھىغا ئايلاندى؟ مۇخبىرلار مۇشۇنىڭدەك تىپىك رايون ۋە كارخانىلارنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىشتىكى يوللىرىنى خەۋەر قىلىش ئارقىلىق، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش جەريانىدىكى ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ مۇشۇنداق سىمۋوللۇق بەلگىلىرىنى زىيارەت قىلدى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالدى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئۇلۇغ مۇساپىسىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈردى، بۇ ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ۋە خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان ئۇلۇغ كۈچلىرىنى تولۇق ئۇرغۇتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر