باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

1-پەسىللىك دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەپتىش قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىندى

يەتتە ئۆلكە، شەھەردىكى قىسمەن جايلار بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى تاماملىيالمىدى

جايلار ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈشكە قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ

2018.06.25 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا 2018-يىللىق 1-پەسىللىك دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەپتىش قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىملىق تەپتىش قىلىشتا 1907 ئورۇن، 2178 تۈر ئارىلاپ تەكشۈرۈلۈپ، 349 مىليارد 346 مىليون يۈەن مەبلەغكە چېتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى مەركەزنىڭ مالىيە مەبلىغى 34 مىليارد 235 مىليون يۈەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى قاتارلىقلارنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

  بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە 37 تۈر ئۆز قەرەلىدە ئىش باشلىمىغان ياكى پۈتۈن بولغاندىن كېيىن تۇرۇپ قالغان

  دەريا سۈيىنى سۈزۈكلەشتۈرۈشتىن ھاۋانى ساپلاشتۇرۇشقىچە، گۈزەل جۇڭگو، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر بىر تەرىپى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ قېتىملىق تەپتىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى قانداق بولغاندۇ؟ ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى مالىيە ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى مۇنداق دېدى: جايلار بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەل جېڭىنى ياخشى قىلىشنى چۆرىدەپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە تۈر قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يەكۈنلەپ ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدىغان ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى شەكىللەندۈردى.

  سەنشى كۆمۈر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىمىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىشنى چىڭ تۇتۇش، يېشىل ياسىمىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، قاتتىق گۈڭگۈرتسىزلەندۈرۈش، نىتراتسىزلاندۇرۇش ۋە ئىس-تۈتەك، توزان قويۇپ بېرىشنى تىزگىنلەش قاتارلىقلار ئارقىلىق، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە ئۆلكە بويىچە 300 مىڭ كىلوۋاتتىن ئارتۇق كۆمۈر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىمىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى تاماملاپ، ئۆلكە بويىچە بىرلىك رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3.37 تۆۋەنلەتتى. گۇاڭشى نەننىڭ قارا سېسىق سۇنى تىزگىنلەش قىيىن نۇقتىسىغا قارىتا، پاسكىنا سۇنى بىۋاسىتە قويۇپ بېرىش ئېغىزىدىن 470نى مەنبەدىن كونترول قىلىپ، بۇلغىمىنى تۈزەپ، بۇلۇت شەھىرى ۋە ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قاتارلىق قۇرۇلۇش مەزمۇنلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ۋادىنى تۈزەپ، دەريا سۈيى سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، نەننىڭ قۇرۇلغان رايوندىكى قارا سېسىق سۇنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگەتتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەپتىشتە يەنە بەزى مەسىلىلەر بايقالدى. جىلىن، چۇڭچىڭ، شەندۇڭ، خۇنەن، خۇبېي، خېيلۇڭجياڭ، شەنشى قاتارلىق يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ بەزى جايلىرى ئاتموسفېرا، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەھەتلەردىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى تاماملىيالمىغان: 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بەزى جايلارنىڭ سانائەت توپلانما رايونلىرى تەلەپ بويىچە بۇلغىما سۇنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ۋە ئاپتوماتىك توردا كۆزىتىش قۇرۇلمىسى ئورناتمىغان؛ بەزى ئۆلكە، شەھەرلەر يەر ئاستىدىكى نەچچە ئون مىڭ ماي باكىنى بەلگىلىمە بويىچە تۈزىمىگەن؛ دۆلەتنىڭ مەلۇم نۇقتىلىق كۆل رايونىدىكى شەھەر-بازار بۇلغىما سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش 34 زاۋۇتىدىن ئاران بەشى 1-دەرىجىلىك A قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، تاماملاش نىسبىتى %14.71 بولغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر