باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئۇلۇغ مىللىي روھ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى تۈپ كۈچ

___ شى جىنپىڭنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (2)

2018.03.23 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى خەلقنىڭ كۈرىشىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ بىر مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، روھىي تۈۋرۈكتىن ئايرىلالمايدۇ.

  «جۇڭگو خەلقى ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش داۋامىدا يېتىلدۈرۈپ، داۋاملاشتۇرۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ كەلگەن ئۇلۇغ مىللىي روھ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلماقتا». باش شۇجى شى جىنپىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە جۇڭخۇا مىللىتىنى چوڭقۇر كۈيلەپ، جۇڭگو خەلقىنى قىزغىن مەدھىيەلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ مىللىي روھىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. ئۇلۇغ ئىجادكارلىق روھى، ئۇلۇغ كۈرەشچانلىق روھى، ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھى، ئۇلۇغ ئارزۇ روھى مىليونلىغان خەلقنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىش گۈزەل ئارزۇسىنى تەسۋىرلەپ، جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ يېڭى دەۋردە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش ئۇلۇغۋار ئارزۇسىنى جاكارلىدى.

  خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، ئۇلۇغ مىللىي روھنىڭ ھامىيسى. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ئەمگەك قىلىپ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ قوغداپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىردىنبىر ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىغان مەدەنىيەتنى ياراتتى. ئۇلۇغ مىللىي روھ تۈرلۈك ئىلىم ئېقىملىرى، شېئىر، نەزمىلەردە ساقلىنىپ، تاغ-دەريا، ئېتىز-ئېرىقلاردا چاقناپ، باردى-كەلدى قىلىپ، ئارىلىشىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتنى كۆزلىگەن 56 مىللەتكە مۇجەسسەملىنىپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش ۋە روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن توختاۋسىز ئىلگىرىلەشتە ئىپادىلەندى. ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقى ئىجاد قىلىش، كۈرەش قىلىش، ئىتتىپاقلىشىش، ئارزۇ قىلىش جەريانىدا شانلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىگە ئېرىشىپ، پارلاق تارىخ سەھىپىسىگە مەدەنىيەت ئىزلىرىنى پۈتتى.تارىخى ئۇزاق، كۈنسېرى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ مىللىي روھ بىزنىڭ پەخرىمىز، ئىشەنچىمىزنىڭ كاپالىتى، بوران-چاپقۇنلارنى يېڭىپ، زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزنىڭ نېگىزلىك كۈچى!

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر