باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ مالدېۋىدىكى باش ئەلچىخانىسى جۇڭگو پۇقرالىرىنى مالدىۋې پايتەختىگە بېرىشتا ئېھتىيات قىلىشنى ئەسكەرتتى

2018.03.23 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ مالدىۋېدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يېقىندا مالدىۋې پايتەختى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارغا بارماقچى بولسا ئېھتىيات قىلىشىنى، ساياھەت ئارىلىغا بارماقچى بولغان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى.

  بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسىدە مۇنداق دېيىلدى: مالدىۋېدا تۇرۇشلۇق جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئورگانلار بىخەتەرلىك ۋە ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئادەملەر زىچ توپلاشقان سورۇنلارغا بارماسلىقى لازىم. ناۋادا جىددىي ئەھۋالغا يولۇقۇپ قالسا، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشى ھەمدە جۇڭگونىڭ مالدىۋېدىكى باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشى لازىم.

  بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ناۋادا جۇڭگو پۇقرالىرى يەنىلا مالې (مالدىۋې پايتەختى) ۋە ئەتراپىدىكى ئاراللارغا بېرىشتا چىڭ تۇرسا، شۇ كىشىگە بىر قەدەر چوڭ خەۋپ-خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، بۇ بەلكى شۇ كىشىنىڭ ياردەمگە ئېرىشىش ئۈنۈمىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش سەۋەبلىك سادىر بولغان چىقىمغا شۇ ئالاقىدار كىشى ياكى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ.

  بۇ قېتىملىق بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسىنىڭ ئۈنۈمگە ئىگە ۋاقتى 4-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر