باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىدا جۇڭگو خەلقئارا پاتېنت ئىلتىماس قىلغۇچى 2- چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى

2018.03.23 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى تەرىپىدىن 21- چېسلا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017- يىلى جۇڭگو «پاتېنت ھەمكارلىق شەرتنامىسى» رامكىسى ئاستىدىكى خەلقئارا پاتېنتقا ئىلتىماس قىلىشتا ئىككىنچى چوڭ مەنبە دۆلەتكە ئايلانغان، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ كەينىدىكى ئورۇننى ئالغان. جۇڭگودىكى خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭدىن ئىبارەت بۇ ئىككى شىركەت خەلقئارا پاتېنتقا ئەڭ كۆپ ئىلتىماس قىلغان ئىككى شىركەت بولۇپ قالدى.

  دوكلاتنىڭ تەھلىلىدە مۇنداق دېيىلگەن: جۇڭگو ئىلتىماس مىقدارىنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى ئىككى خانىلىق سانغا يەتكەن بىردىنبىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، 2003- يىلىدىن بۇيان، ئۇنىڭ ھەر يىلقى ئېشىش نىسبىتى %10تىن يۇقىرى بولغان. دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، ھازىرقى تەرەققىيات يۈزلىنىشى بويىچە بولغاندا، جۇڭگونىڭ ئۈچ يىل ئىچىدە ئامېرىكىغا يېتىشىۋېلىپ، خەلقئارا پاتېنت ئىلتىماس قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇشىدا ئۈمىد بار.

  دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى فىرانسىس گاۋرۈي مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ خەلقئارا پاتېنت سىستېمىسىنى ئىشلىتىشى زور دەرىجىدە ئاشتى، بۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق تېز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق ياراتقۇچىلىرى نەزەرىيەسىنى بارغانسېرى سىرتقا تىكلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرلىرىنىڭ يېڭى بازارغا تارقىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر