باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلايلى

ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)

2018.01.24 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى بولغان ئاساسىي قانۇن ئەڭ يۇقىرى قانۇنىي ئورۇن، قانۇنىي نوپۇز، قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى تۈپ قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ قىسمەن مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن زور نەزەرىيەۋى قاراش ۋە زور فاڭجېن-سىياسەتلەر دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەت، يېڭى تەجرىبە، يېڭى تەلەپلەر گەۋدىلەندۈرۈلدى، بۇنىڭدا ئاساسىي قانۇننىڭ قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قىلچە تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم سىياسىي ھۆكۈمەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى كۈرەش نىشانىنى بېكىتتى. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ۋە يېڭى ۋەزىپىسى بىزدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ياراتقان ئۇلۇغ نەتىجىلەر ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ئاساسىي قانۇندا ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىش ۋە تەشكىللەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر