باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

بىرلىشىپ ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرۇپ چىقايلى

2017.08.08 11:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى نەشرىدە« بىرلىشىپ گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرۇپ چىقايلى ــ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز »ماۋزۇلۇق باش ماقالە ئېلان قىلىندى.

  باش ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ توپ ئاۋازلىرى ئىچىدە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە تەسىس قىلىنغان تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم رايون ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى رەسمىي دۇنياغا كېلىپ ئىچكى موڭغۇل تەرەققىيادىنىڭ يېڭى ئەسرى باشلاندى، 70 يىلدىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 642 ھەسسە، كىشى بېشىغا 145 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، ھەر مىللەت خەلقى ئاساسى قانۇن ۋە قانۇندا بېرىلگەن مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزدى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى.

  باش ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا 70 يىل مابەينىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر مىللىي مەسىلىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش يولىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ بىر توغرا يولنىڭ تۈزۈم كاپالىتى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىك ۋە كۈچلۈك ھاياتى كۈچگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  باش ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى ئەسىردە بىرلىشىپ قوغداشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلساقلا ھالقىش تىپىدىكى تەرەققىيادنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۈزەل ئىچكى موڭغۇلنى يېڭى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر