باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى قوزغايلى

2017.07.24 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىدىيىۋى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ مول نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلىش ئۈچۈن، 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىدە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن 322 نامزات بۈگۈندىن باشلاپ مەركەزنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرى ۋە مۇھىم ئاخبارات تور پونكىتلىرىدە مەركەزلىك ئاشكارا تەشۋىق قىلىنىدۇ. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، ھەر ساھەدىن كەلگەن «باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش نەمۇنىچىسى»، «ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش نەمۇنىچىسى»، «سەمىمىي-سادىق بولۇش نەمۇنىچىسى»، «كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشۇش نەمۇنىچىسى»، «ياشانغانلارغا ۋاپادار، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا كۆيۈمچان بولۇش نەمۇنىچىسى» پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدۇ.

  تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىدىن ھازىرغا قەدەر ئالغا ئىنتىلىش، ياخشىلىققا يېتەكلەشتەك ئاكتىپ كۈچ تارقىتىدىغان بۇ پائالىيەتنىڭ قانات يايدۇرۇلغانلىقىغا 10 يىل بولدى، باھالاشقا قاتنىشىدىغانلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى كۈنسېرى زورىيىپ، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئېلىمىز پۇقرالىرىنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىشتىكى يارقىن ئۈلگىگە ئايلاندى.

  ماددىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى مەنىۋى مەدەنىيەتنى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشقا چاقىردى، مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئېشىشى چوقۇم ماددىي مەدەنىيەتنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى ئۇلۇغۋار نەتىجىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېلىمىز خەلقى ماددىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا دۇنياۋى مۆجىزىلەرنى يارىتىپلا قالماستىن، مەنىۋى مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچالايدۇ. مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش-پائالىيەتلىرى، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان روھى قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. ئاساسىي قاتلامدىكى ئاددىي پۇقرالار ئەكس ئەتتۈرگەن ئالىيجاناب ئىجتىمائىي ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ۋە كىشىلىك ھايات ئەخلاقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەر قانداق بىر مەزگىلدىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىن تۇرىۋاتىمىز، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. بۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدەك جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن كۈچلۈك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەپ، كۈچلۈك ئەخلاق تايانچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر