باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 77 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2013.06.14 16:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ يىل شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بېكىتىلگەن . ئۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 47 نەپەر ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى 30 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان .

  12-ئىيۇن ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇ جۈننىڭ ئېيتىشىچە، 2013-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭ تۈرلەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ ، شىنجاڭدىن 47 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتى ۋە تارىخ پەنلىرى بويىچە 19 نەپەر ، سانائەت پەنلىرى بويىچە 18 نەپەر ، تېببىي پەنلەرگە 10 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن . بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا ، بۇ يىل ئىككى نامرات رايون مەخسۇس تۈر پىلانى كۆپەيتىلگەن .

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گورۇپپىسىنىڭ باشلىقى رۈەن دۇڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، بۇ يىل چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 30 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان ، بۇ بۇلتۇرقى پىلاندىكىدىن بىر ئوقۇغۇچى كۆپ بولغان . ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە بەش نەپەر ئوقۇغۇچى ، تەبىئىي پەنلەر بويىچە 25 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن .

  بۇ ئىككى مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۇرۇپپا باشلىقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى ياخشى، غەيرەتلىك بولغاچقا ، ئەھۋالغا قاراپ قوبۇل قىلىش پىلانى ئاشۇرۇلۇشىمۇ مۇمكىنكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە