- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يازغۇچى قەيسەر قېيۇم
2015.05.28 10:19 مەنبە: خەلق تورى
يازغۇچى قەيسەر قېيۇم 1972-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1979- يىلى ئۈرۈمچىدىكى بوۋا-مومىلىرىنىڭ تەربىيەسىدىن ئايرىلىپ، غۇلجا شەھىرىدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن ھەم شۇ يىلى9-ئايدا غۇلجا شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. 1990-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىپ، 1993-يىلى 7-ئايدا بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ھەم شۇ يىلى 9-ئايدا «ئىلى كەچلىك گېزىتى» ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ ھازىر بۇ گېزىتتە ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
قەيسەر قېيۇم 1984-يىلى ئېلان قىلغان «مېنىڭ قوزام» ناملىق ھېكايىسى بىلەن يېزىقچىلىق ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ھەر قايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 100 پارچىدىن ئارتۇق پوۋېست، ھېكايە، ئادەبىي ئاخبارات ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ «قورقۇنچلۇق قەدەم» ناملىق ھېكايىسى 1988-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئىلى غۇنچىلىرى» ھېكايە مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ياقۇتقا قونغان توزانلار» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى 1995-يىلى مەملىكەتلىك 7-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ئارسلان» ناملىق ھېكايىسى 1997-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئىلى دەرياسى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، «ئالما دەرىخى ئاستىدىكى چۈش» ناملىق پوۋېستى 2010-يىللىق «جۇڭگو مىللەتلەر ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. 2013-يىلى 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر