- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياپونىيەنىڭ بوئىن 787 تىپلىق بىر ئايروپىلانى تەرەت قاچىسىدىن كاشىلا چىققانلىقى ئۈچۈن موسكىۋاغا قايتۇرىۋېتىلدى
2013.10.11 18:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە NHK تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە موسكۋادىن ياپونىيە نارىتا خەلقئارا ئايرودرۇمىغا قاراپ ئۇچقان ياپونىيە ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بوئىن 787 تىپلىق بىر يولۇچى ئايروپىلانى ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا ئايروپىلاندىكى تەرەت قاچىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن مەجبۇرىي ئارقىغا قايتۇرۇلدى.
ياپونىيە ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە موسكۋا ئايرۇپورتىدىن ئۇچقان 442-نۆۋەتلىك ياپونىيە ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بوئىن 787 تىپلىق ئايروپىلانى تەرەت قاچىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن، ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئارقىغا قايتىش خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئايروپىلاندا 151 يولۇچى ۋە ئايروپىلان خىزمەتچىلىرى بار ئىكەن، 5 سائەتتىن كېيىن بۇ ئايروپىلان شۇ يەر ۋاقتى 9-ئۆكتەبىر كەچقۇرۇن موسكىۋاغا بىخەتەر قايتىپ بارغان.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى
ئالاقىدار خەۋەرلەر