باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىگە چېتىلغان لى شۇاڭجياڭنىڭ ئوغلى قاتارلىق 4 جىنايەت گۇماندارى 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار ئىكەن

2013.02.25 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئەھۋالنى ئېنىق بىلىدىغانلارنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچلىق قىلىش ئەنزىسىگە چېتىلغان لى شۇاڭجياڭنىڭ ئوغلى لى x قاتارلىق بەش جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئەڭ چوڭى 1989-يىلى تۇغۇلغان، قالغان تۆتى 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇپ، ھەممىسى 16 ياشتىن ئاشقانلار ئىكەن. ئەھۋالدىن خەۋىرى بار يەنە بىرەيلەننىڭ ئېيتىشىچە، لى x دېلونىڭ سادىر بولۇشىغا سەۋەبكار بولغانلىقى ئۈچۈن يىغىۋېلىپ تەربىيەلەش مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان.

  نۆۋەتتە بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى خەيديەن رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېگەن، 19-فېۋرال خەيديەن شۆبە ئىدارىسى بىر ئايالنىڭ مەلۇم قىلغان دېلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دەرھال تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، 20-فېۋرال دېلوغا چېتىشلىق لى x قاتارلىق بەش كىشىنى تىزگىنلىگەن. ھازىر بۇ بەش كىشى باسقۇنچىلىق جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

  ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۇتۇپ تۇرۇلغانلار ئىچىدىكى لى x بۇ يىل 17 ياشتا بولۇپ، دەل داڭلىق ناخشىچى لى شۇاڭجياڭنىڭ ئوغلى ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە