باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆي-مۈلۈك بېجى ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمەيدۇ

2013.02.22 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20-فېۋرال، گوۋۇيۈەندە چاقىرىلغان دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، شەخسىي تۇرالغۇ ئۆي-مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىش ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىۋىتەمدۇ-يوق؟ كىشىلەر بۇ سوئالغا ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلمەكتە.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جيا كاڭ مۇنداق دېدى، ئۆي-مۈلۈك بېجى بىۋاسىتە باج نىسبىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش، ۋاستىلىك باج نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ، كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىدىن ئېلىنىدىغان باج تەدرىجىي تۆۋەنلىتىلسە، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ «باج سېلىقى»نى ئومۇمىي جەھەتتىن يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.

  جيا كاڭ يەنە مۇنداق دېدى، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆي-مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتى ھەرگىزمۇ تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنى قاپلىمايدۇ. ئۆي-مۈلۈك بېجى ئىسلاھاتىدا يۇقىرى دەرىجىلىك تەڭشەشتە چىڭ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. شاڭخەي ۋە چۇڭچىڭدىكى سىناق ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۆي-مۈلۈك بېجىنى تەدرىجىي يولغا قويۇش، ئىشنى يۇقىرى دەرىجىلىك تۇرالغۇ ۋە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تۇرالغۇلاردىن باشلاش تېخىمۇ ئەمەلدە ئاقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە