باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ناچاس گېرمانلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان تارىخى ۋەقەدىن ئەپۇ سورىدى

2013.02.22 17:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:چېخ باش مىنىستىرى ناچاس 21-فېۋرال گېرمانىيەنىڭ جەنۇبىيدىكى باۋارىيە شتاتى پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، تۇنجى قېتىم ئەينى يىللاردا چىخوسلوۋاكىيەنىڭ سودېتېس رايونىدىكى گېرمانلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان تارىخىي ۋەقەدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئەينى يىللاردا گېرمانلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۇسۇلى بىگۇناھ كىشلەرگە كۆپلىگەن ئازابلارنى ۋە ئادىلسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ يەنە چېخنىڭ گېرمانىيە بولۇپمۇ باۋارىيە شتاتى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارزۇسىنى بىلدۈردى.

  ئۇ باۋارىيە شتاتى پارلامېنىتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن چېخنىڭ تۇنجى سىياسونى، بارلىق پارلامېنت ئەزالىرى ئورۇندىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭرىتىپ، ئۇنىڭ پوزىتسىيەسىنى قارشى ئالدى. باۋارىيە شىتاتلىق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: بۇ نەچچە ئون يىل ئايرىپ تۇرۇلغان ۋە بىتەرەپلىمە قاراش بولغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە بىرگە ئۆتۈشتەك تارىخىي پەيتىنىڭ قايتدىن باشلانغانلىقىنى كۆرسەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە